UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىككى ئۆمۈچۈك

ئىككى ئۆمۈچۈك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى پېشايۋان ئاستىدا بىر قارا ئۆمۈچۈك بىلەن بىر بوز ئۆمۈچۈك بولۇپ، ئۇلار تور توقۇپ ئۇششاق ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيتتى. قارا ئۆمۈچۈكنىڭ تورى ھاشاراتنى كۆپ تۇتقانلىقتىن، قورسىقىنى بىخۇدۈك تويدۇرۇپ سەمرىگىلى تۇردى. بوز ئۆمۈچۈكنىڭ تورى ھاشاراتنى ئانچە تۇتالمىغاچقا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچ قېلىپ ئورۇقلاپ كەتتى. بىر كۈنى، بوز ئۆمۈچۈك قارا ئۆمۈچۈككە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى، قارا ئۆمۈچۈك ئۆزى توقۇغان تورنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: - سەن مۇنۇ تورغا ئىنچىكىلەپ قاراپ چىققىن - دە، ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ تورى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باق! - دېدى. بوز ئۆمۈچۈك قارىغۇدەك بولسا، قارا ئۆمۈچۈكنىڭ تورى ناھايىتى سىپتا، تۆشۈكلىرى قېلىن ھەم رەتلىك توقۇلغان، ئۆزىنىڭ توقۇغان تورى بولسا قوپال، مايمان - سايماق، تۆشۈكلىرى بەك شالاڭ توقۇلغان. بوز ئۆمۈچۈك ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ: دۇرۇس، >قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرسەڭ، شۇنچىلىك نەپ ئالىسەن< دېگەن گەپ راست ئىكەن! - دېدى ئۆز - ئۆزىگە.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئىككى ئۆمۈچۈك | UyghurWiki | UyghurWiki