UyghurWiki
UyghurWikiماسالبەڭباش بۆدۈنە

بەڭباش بۆدۈنە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئورمانلىقتا بىر بۆدۈنىنىڭ بىر نەچچە بالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىچىكى ناھايىتى بەڭباش ئىكەن. - بالىلىرىم جاڭگالدا يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپ، ئۇۋىدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، - دەپ تاپىلاپتۇ. بۇ ئەتراپتا ئۇلارنى يېيىشنى پايلاپ يۈرگەن بىر تۈلكە بولۇپ، ئۇ ئانا بۆدۈنىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، بۆدۈنىلەرنىڭ ئۇۋىسى بار جىغاننىڭ تۈۋىگە كېلىپ، بۆدۈنىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئالداشقا باشلاپتۇ: - ئەي، بۆدۈنىچاقلار، مەن تۈلكىخان بولىمەن. مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، شۇڭا مەن سىلەر ئامراق ئوزۇقلارنى ئەكەلدىم. بۇ سوۋغىلارنى تېزراق ئېلىۋېلىڭلار، - دەپتۇ. نەپسى تاقىلداپ كەتكەن كىچىك بۆدۈنە ئاچا - ئاكىلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي، پەسكە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۇ چۈشە - چۈشمەيلا تۈلكە ئۇنى >ھاپ< لا قىلىپ، چاينىماي يۇتۇۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن باشقا بۆدۈنىلەر بەڭباش بۆدۈنىگە ئىچ ئاغرىتىپ كۆز يېشى قىلىشىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بۆدۈنىلەرنىڭ ئانىسى قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇقۇپ، قاتتىق قايغۇرۇپتۇ. بۆدۈنە بالىسىنى يەپ دەندەپ قالغان ئاچكۆز تۈلكە بۆدۈنىلەرنىڭ ئۇۋىسى بار جىغان تۈۋىدىن نېرى كەتمەپتۇ. بۆدۈنىلەر ئۇۋىسىدىن چىقماي يېتىپتۇ. ھىيلىگەر تۈلكە ئاخىر جىغانغا يامىشىشقا مەجبۇر بوپتۇ، شۇ ئەسنادا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئوۋچى دەرھال تۈلكىنى ئېتىپتۇ، تۈلكە شۇ ھامانلا يەرگە يىقىلىپتۇ. تۈلكىنىڭ رەزىل قىلمىشىدىن غەزەپلەنگەن بۆدۈنىلەر پۇررىدە يەرگە چۈشۈپ، ئوۋچىدىن بەڭباش بۆدۈنىنى قۇتۇلدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئوۋچى ماقۇل بولۇپ، تۈلكىنىڭ قورسىقىنى يېرىپتۇ، قارىسا، بەڭباش بۆدۈنە تېخى ئۆلمىگەنىكەن، ئۇلار خۇش بولۇشۇپ، ئوۋچىغا قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتىپتۇ. بەڭباش بۆدۈنە ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىپتۇ ۋە: >ھەرگىز بەڭباشلىق قىلمايمەن< - دەپ ۋەدە بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بەڭباش بۆدۈنە | UyghurWiki | UyghurWiki