ئۈچ چاشقان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۈچ چاشقان بىرلىكتە ياغ ئوغرىلاپ ئىچىش ئۈچۈن ئۇۋىسىدىن چىقىپتۇ. ئۇلار ياغ كوزىسىنىڭ ئىچىگە قارىسا ناھايىتى ئازلا ياغ بار ئىكەن، ئەمما كوزا چوڭقۇر بولغاچقا، ھېچقايسىسى ئىچەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئامال تېپىپتۇ: بىرى - بىرىنىڭ قۇيرۇقىدىن چىشلەپ كوزىغا ساڭگىلىتىدىغان، كوزىنىڭ ئىچىگە كىرگىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ چىقىپ يەنە بىرىنى ساڭگىلىتىدىغان، ئۇ چىقىپ يەنە بىرىنى ساڭگىلىتىدىغان بولۇشۇپتۇ ھەم ھېچقايسىسىدا شەخسىي غەرەز بولماسلىققا قەسەم قىلىشىپتۇ. كوزىغا ئاۋۋال چۈشۈپ ياغ ئىچىۋاتقان چاشقان كۆڭلىدە: بار - يوق ياغ ئارانلا مۇشۇنچىلىك ئىكەن، بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەندەك قىلىدۇ.
ئوتتۇرىدا ئېسىلىپ تۇرغان ئىككىنچى چاشقانمۇ: كوزىدىكى ماي تايىنلىقلا ئىكەن، ئەگەر ئۇ ھەممىنى ئىچىپ بولسا ماڭا نېمىمۇ قالار؟ ئەڭ ياخشىسى، ئۇنى قويۇۋېتەي، ئۆزى چۈشۈپ ئىچسۇن، دەپ ئويلاپتۇ.
كوزىنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ ئىككىيلەننى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچىنچى چاشقانمۇ: ياغ ناھايىتى ئاز ئىكەن، جاپا تارتىپ ئۇ ئىككىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرسام ئۇلار ئىچىۋېلىپ قويمىغۇدەك، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇلارنى قويۇۋېتىپ، كوزىغا ئۆزۈم چۈشۈپ ئىچكىنىم ياخشىراقتەك قىلىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، كوزا گىرۋىكىدىكىسى ئوتتۇردىكىسىنىڭ قۇيرۇقىنى قويۇۋېتىپتۇ - دە، ئۆزىنى مايغا ئېتىپتۇ. نەتىجىدە كوزىغا سولىنىپ قالغان چاشقانلار چىقالماي ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.