توشقان بىلەن تۈلكە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ياز كۈنى بىر توشقانجان،
ئويناۋاتسا شادلىنىپ؛
جاڭگال ئارا كېتىپتۇ،
قىقاس - سۈرەن باشلىنىپ.
توشقان شۇ چاغ قارىسا،
ئەتراپىغا كۆز تىكىپ؛
ھەر تەرەپكە كەتكۈدەك،
كېيىك، ئۆچكە... قېچىشىپ.
بىر كېيىكنىڭ ئالدىنى،
توشقان شۇ چاغ توسۇپتۇ:
- نېمە ئىش بۇ كېيىكجان؟ -
دەپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ.
دەپتۇ كېيىك: - خەۋىرىڭ -
يوقمۇ تېخى توشقانجان.
بۆرە كەلدى جاڭگالغا.
قاراپ تۇرماي قاچ چاپسان!
توشقان قورقۇپ سۆزلەپتۇ،
ئاڭلاپ كېيىك سۆزىنى.
بىر ئورۇنغا كەلگەندە،
توختىتىپتۇ ئۆزىنى.
چىقىپ كەپتۇ بىر تۈلكە،
شۇ چاغ توشقان ئالدىغا.
دەپتۇ توشقان: - جان دوستۇم،
ئالغىن مېنى دالدىغا.
دەپتۇ تۈلكە توشقانغا:
- كارى چاغلىق بۇنىڭكى.
كىرىۋالغىن ئۆيۈمگە،
ماڭ كەينىمدىن مېنىڭكى.
بىردەم مېڭىپ توشقانجان،
كەپتۇ تۈلكە ئۆيىگە.
تۈلكە ئۇنى باشلاپتۇ،
ئۆز ئۆيىنىڭ تۆرىگە.
تاقاپ تۈلكە ئىشىكنى،
دەپتۇ مۇنداق توشقانغا:
- ئەجەپ كەلدىڭ ۋاقتىدا،
قورساق تازا ئاچقاندا.
ئوزۇق ئىزدەپ ئەسلىدە،
چىققانىدىم تالاغا.
چۈشەنگەندەك سەن بۇنى،
كەپسەن ياخشى ئالدىمغا.
توشقان دەپتۇ گاڭگىراپ:
- چۈشەنمىدىم سۆزۈڭنى.
دەپتۇ تۈلكە ھىجىيىپ:
- يېمەكچىمەن ئۆزۈڭنى.
دەپتۇ توشقان: - نېمىشقا.
يەيسەن دوستۇم سەن مېنى؟
دەپتۇ: - يەيمەن ئۆلۈمدىن،
قۇتۇلدۇرغان مەن سېنى...
ئېتىلىپتۇ توشقانغا،
تۈلكە سۆزىنى تاماملاپ.
جان ئۈزۈپتۇ تەسلىكتە،
ساددا توشقان پىلتىڭلاپ.
× ×
بۇ مەسلدىن نەسىھەت -
بولسۇن سىزگە كىتابخان.
تۈلكە مىجەز كىشىدىن،
شەپقەت كۈتمەڭ ھېچقاچان.