UyghurWiki
UyghurWikiماسالقاغا بىلەن تۈلكە

قاغا بىلەن تۈلكە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قاغا بىر پارچە گۆشنى چىشلەپ كۆرەڭلىگەن ھالدا دەرەخ شېخىدا تۇرۇپتۇ. قاغىنىڭ ئاغزىدىكى گۆشنى كۆرگەن ئاچكۆز تۈلكىنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىپتۇ. تۈلكە ناھايىتى چىرايلىق گەپلەر بىلەن قاغىنى ماختاپ: - سەن نېمىدېگەن گۈزەل، تۈكلىرىڭ توزنىڭكىدىنمۇ چىرايلىق، - دەپتۇ. بۇ ماختاشتىن قاغا ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا قانىتىنى قېقىپ قويۇپتۇ ۋە ئۆزىنى ھەقىقەتەن توزدىنمۇ چىرايلىق ھېس قىپتۇ. تۈلكە يەنە: - سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ ناھايىتى يېقىملىق بولۇشى مۇمكىن، سەن ماڭا بىر ناخشا ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ - دەپتۇ. بۇنىڭدىن تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەن قاغا ناخشا ئېيتماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئاچقانىكەن، ھېلىقى گۆش يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. تۈلكە دەرھال كېلىپ گۆشنى چىشلەپتۇ - دە، بىر يالماپلا يۇتۇۋېتىپتۇ. - سېنىڭ ئاۋازىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەن، ئۆزۈڭ تېخىمۇ سەت، كالۋا ئىكەنسەن! - دەپتۇ تۈلكە. ئاچچىقى كەلگەن قاغا: - قاق - قاق! - دەپ قاقىلداپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال