UyghurWiki
UyghurWikiماسالھۇرۇن توشقاننىڭ ئاقىۋىتى

ھۇرۇن توشقاننىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى خىلمۇخىل گۈل - گىياھلار بىلەن كۆركەم بېزەلگەن تاغ باغرىدا نۇرغۇن توشقانلار ياشايدىكەن. بۇ توشقانلارنىڭ ھەممىسى ئاق بولۇپ، بەكمۇ ئۇماق ئىكەن. ئۇلارنىڭ قىپقىزىل مارجاندەك كۆزلىرى ۋال - ۋۇل قىلىپ پارقىراپ تۇرىدىكەن. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولغاندا يىراقتىن قارىسىڭىز، چىمەنگە چېچىلغان كۈمۈش تەڭگىلەردەك كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بۇ توشقانلار تولىمۇ ئەمگەكچان ئىكەن. ھەر يىلى ياز ۋە كۈز ئايلىرىدا ئۆزلىرى ئۇۋا ياساپ، يەم - خەشەك يىغىپ، قىشنىڭ غېمىنى قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ھۇرۇن، ئەركە توشقانمۇ بار ئىكەن. باشقا توشقانلار ئۇۋا ياساپ، يەم - خەشەك توپلىغاندا، ئۇ يۈگۈرۈپ سەكرەپ ئوينايدىكەن. قىش مەزگىلىگە كەلگەندە ئۇ دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە نۆۋەت بىلەن تۇرۇپ قىشنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئاي، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باشقا توشقانلار ئۇنىڭغا ياز بولغاندا ئۇۋا ياساش ۋە يەم - خەشەك توپلاش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ نەسىھەت قىپتۇ. ھەمراھلىرىنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى يازدا چوقۇم ئۇۋا ياسايدىغانلىقى ۋە ئوزۇق توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇنىڭغا ئامراق بولغان بۇرادەرلىرى ئىچ ئاغرىتىپ قىشچە ئۆز ئۇۋىسىدا ياتقۇزۇپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن يازمۇ كەپتۇ. بۇ ياز پەسلى تولىمۇ مولچىلىق، باياشات بوپتۇ. ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلەپ نۇرغۇن مېۋىلەر بېرىپتۇ. رەڭمۇ رەڭ گۈللەر، ياپېيشىل ئوت - چۆپلەر گۈزەل ھۆسن - خۇرام ئوينىشىپتۇ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ئۇۋىلىرىنى يەم بىلەن تولدۇرۇپتۇ، بۇ تۇرمۇشتىن ئۇلار رازىمەنلىك بىلەن شادلىنىپ، سەكرەپ - ئوينىشىپ، تەبىئەتنىڭ سېخيلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ. بۇ يىل يەنە ئەركە توشقان پەرۋاسىزلىق بىلەن ئويناپ، دوستلىرىغا ئوخشاش گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بەخت قۇشلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، تاغ ئارىسىدا باياشات يازنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ياز كېتىپ، قىش كەپتۇ. بۇ ھال ھۇرۇن توشقاننى ساراسىمىگە سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆتكەن يىللاردىكى قىشنى دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە بەخىرامان ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلاپتۇ - دە، شۇ خىيال بىلەن: بولدىلا، بۇ يىلمۇ دوستلىرىمنىڭ يېنىدا ئۆتەي، كېلەر يېلى جەزمەن ئۇۋا ياساپ ئاشلىق توپلارمەن، - دەپ مەمنۇنلۇق بىلەن ئەتراپقا نەزەر سېلىپ تىنمسىز پۇتلىرى بىلە ئاللىقاياقلارغا قاراپ چېپىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئويناۋاتقىنىدا دوستلىرىنىڭ نەسىھەتلىرى ئېسىگە كەپتۇ - دە، ئىختىيارسىز ئويۇندىن توختاپتۇ، بىراق: قاتتىق سوغۇق بولغىنى يوق، ھازىرچە باش قاتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ باشقا كەلگەندە باتۇر، - دەپ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ - دە، ھايت - ھۇيت دېگۈچە ئويناقشىپ چېپىپ كېتىپتۇ. زەھەرلىك يىلاندەك ئاچچىق نەشتىرىنى سانجىۋالىدىغان قەھرىتان قىشمۇ كەپتۇ. توشقان يەنە دوستلىرىنىڭ ئالدىغا يۈزىنى قېلىنشىتىپ، بىچارە قىياپەتتە: بۇ يىلمۇ ئاغىنىلىرىم تاشلىۋەتمەس، - دېگەن خىيالدا كىرىپتۇ. بىرىنچى قېتىمدا دوستلىرى ئۇنى مېھمان قىپتۇ، بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنى ئانچە كۈتمەيدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭدىن بىزار بولغان بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا: - مەسلىھىتىمىزگە كۆنمىدىڭ، ئەمدى قىشنىڭ غېمىنى ئۆزۈڭ قىل، - دەپتۇ. بىچارە توشقان كېلەر يىل يازدا چوقۇم قىلىمەن دېسىمۇ، ھەمراھلىرى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەپتۇ. ئۇ خاپىچىلىقتا سىرتقا چىقىپ، ئۇياق - بۇياققا سەكرەپ يۈگۈرۈپتۇ، بارا - بارا ئاچلىقتىن مادارى كېتىپ قار ئۈستىگە يېقىلىپتۇ. دەل شۇ پەيتتە ھەمراھلىرىنىڭ مەسلىھىتى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ قانچە پۇشايمان قىلىپ، تىرەجەپ باقسىمۇ، ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. ئاخىر ئاچچىق پۇشايمان ئىلكىدە ھوشىدىن كېتىپتۇ. لەپىلدەپ ياغقان قار ئۇنىڭ مۇزلىغان بەدىنىنى ئاستا - ئاستا كۆمۈشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال