UyghurWiki
UyghurWikiماسالشىر بىلەن ئىت

شىر بىلەن ئىت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بوران چىقىپ، يامغۇر ياغقان دالادا، شىر ئۇچرىتىپ قالدى ئىتنى دالدىدا. ئىت تۈگۈلدى، ھۆل تاسمىدەك پۈكۈلدى، قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ شىر ئالدىدا. ھەيران بولۇپ شىر سورىدى بىر سوئال: - ئومۇرتقاڭ يوق بولسا كېرەك، ئېھتىمال؟ ئىت دېدىكى: - ئومۇرتقام بەك ئەۋرىشىم، بار مېنىڭدە جان بېقىشقا كۆپ ئامال. شىر دېدىكى: - قورقما، قورقساڭ يات يىراق، سىرلىرىڭنى يوشۇرماستىن ئېيت بىراق. ئىت تىلىنى تەگكۈزدى شىر پۇتىغا: - ئادىتىم بۇ، كەچۈر تىلىم قوپالراق. مەندە پەم بار، سەندە كۈچ بار، بىلىمەن، ئىككىمىزدە يول بىر ئەمەس، بىلىسەن. ئەۋرىشىم بەل، ياڭراق ئاۋاز ھەم پۇراش، ھېكىمىتىمدۇر، بىللە بولساڭ كۆرىسەن. غىڭشىشلىرىم يېقىپ قالسا قۇلاققا، غوجام بەزەن چىقىرىدۇ قۇچاققا. گۆشسىز سۆڭەك ئىتتىكلىتەر چىشىمنى، قالدى - قاتتى تاماقمۇ بار قورساققا. شىر دېدىكى: - قامچىغىمۇ كۆنۈكسەن؟ ئىت دېدىكى: - راست، بۇ ئازابقا تونۇشمەن. يالاپ بەرسەم ساقىيىدۇ جاراھەت، ئىت تېرىسى ساقلىمايدۇ كۆپ ئېۋەن. سەن جەسۇرسەن، مەغرۇر كۆكرەك كېرىسەن، پەمسىزلىكتىن تاغ - چۆللەرنى كېزىسەن. يۇندا يالاپ توڭلىماي ياتسام ئۇۋامدا، سەن جاپاكەش بوران كېزىپ يۈرۈيسەن. يان پەيلىڭدىن، ماڭ سۆزۈمگە كىرىپ سەن، بۇ يولدا ئاز دەرد تارتىپ كۆپ كۈلىسەن. نەگە بارسا غوجام شۇندا ئۇۋىمىز، يۈر، بۇ چۆلدە چاقماق تېگىپ ئۆلىسەن. شىر دېدىكى: - راست ئېيتىسەن، مەغرۇر مەن، قېنى ئەركىن قاينايدىغان جەسۇرمەن. ئەركىن ھايات يېڭەر ئىسسىق - سوغۇقنى، چاقماقلاردىن قورقمايدىغان غەيۇر مەن. سەھرالارنى كۈندە نەچچە كېزىمەن، ئۆزۈم ئۆسكەن غارغا كۈلۈپ كىرىمەن. ھەر بىر قۇملۇق، ئۆڭكۈر مېنىڭ ئۇۋامدۇر، ئۆلسەم ئەركىن زېمىنگە باش قويىمەن. سەن دۇنيادىن يىن يالاپلا ئۆتىسەن، قامچا يەيسەن، قۇرتلايسەن، ئۆلىسەن. تىلىڭ يالاپ تېشىۋەتكەن ئۆتۈككە، شىلىۋالغان تېرەڭدە چەم بولىسەن... شىر ئالدى يول، ئالتۇن يايلى ئۆركەشلەر، - خەپ! - دېدى ئىت كاڭشىپ، گويا يەپ زەھەر. غوجام بىزگە چايناتقۇزار بېشىنى، بار مېنىڭدە چېقىم دېگەن ئەڭگۈشتەر... شىر توختىدى، ھۆركىرىدى دەھشەتلىك، تاغ - ئېدىرلار بەردى سادا ھەيۋەتلىك، يەر تەۋرىدى، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، تىندى يۈرەك، يىقىلدى ئىت رەھمەتلىك.
← بارلىق تېمىلار ماسال
شىر بىلەن ئىت | UyghurWiki | UyghurWiki