پاقا بىلەن بېلىجان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
چىقتى سۇدىن بىر پاقا
تاقلاپ قىرغاققا.
خالىغانچە ئوينىدى
كۆڭۈللۈك راسا.
ھەسەت قىلدى بېلىجان
ئۇنىڭغا قاراپ:
سۇ ئۈزۈشتە تۇرساممەن
گويا بىر كاراپ.
بولالمايمەن نېمىشقا،
پاقىغا ئوخشاش؟
بەرگەنمىدى بىكارغا
ئانام ماڭا ئاش؟ -
ئويلاپ شۇنداق ئىچىدە،
چىقتى ئۇ سۇدىن.
لېكىن، زادى ماڭالماي،
كەتتى ھالىدىن.
ھەسەتخورلۇق ئۇنىڭكى،
چىقتى بېشىغا.
ھېچكىم ھەمراھ بولمىدى،
ئۇنىڭ يېشىغا...
\@