UyghurWiki
UyghurWikiماسالبېلىق بىلەن پاقا

بېلىق بىلەن پاقا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى سۈيى سۈپسۈزۈك بىر كۆلدە بىر بېلىق بىلەن بىر پاقا بىللە ياشايدىكەن. بېلىق كۈن بويى كۆلدىن چىقماي قانغۇچە سۇ ئۈزۈپ ئوينايدىكەن. پاقا بولسا سۇدا بىردەم ئۈزۈپ ئوينىغاندىن كېيىن قاشقا چىقىپ ئۆمىلەشنى، سەكرەشنى ئۆگىنىدىكەن. پاقىنىڭ قاشتا سەكرەپ يۈرگىنىنى كۆرگەن بېلىق: - شۇنچە چوڭ كۆلگە پاتماي قاشقا چىقىپ سەكرەپ يۈرگىنىڭ نېمىسى؟ - دەپ مەسخىرە قىپتۇ. - كۆلدە ئۈزۈۋېرىپمۇ زېرىكىسەن، ۋاقىت كۆپ بولغاندىكىن بىر ئاز ماھارەت ئىگىلىگەن ياخشى. مېنىڭچە، كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىپ قويغاننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق، - دەپتۇ بۇنى ئاڭلىغان پاقا. - كۆلدىكى راھەتلىك تۇرمۇشقا شۈكرى - قانائەت قىلماي، قىرغاقتا سەكرەپ يۈرۈش بۇ بىكاردىن - بىكار ئۆز - ئۆزىنى ئاۋارە قىلغانلىق، - دەپتۇ بېلىق پاقىنى مەنسىتمەي. پاقا قايتا بىر نەرسە دېمەستىن، يەنىلا مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. بېلىق بولسا، غەم - ئەندىشىسىز كۆلدە ئۈزۈپ ئويناۋېرىپتۇ. بىر يىلى قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، كىشىلەر كۆلنىڭ سۈيىنى ئېتىزلىققا توشۇپ تۈگىتىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا پاقا قاشقا سەكرەپ چىقىپ قۇرۇقلۇقتىكى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ. بېلىق بولسا ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇسسۇزلۇقتىن ئاغزىنى يوغان ئاچقان پېتى ئۆلۈپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال