UyghurWiki
UyghurWikiماسالقىزغانچۇق چۈجە

قىزغانچۇق چۈجە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر توخۇنىڭ ئون نەچچە - شوخ چۈجىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى قىزغانچۇق، ئىچى بەكمۇ تار ئىكەن. نېمە كۆرسە قىزغىنىپ، تالىشاركەن داۋاملىق. دوستلىرىنى چوقۇلاپ، بەرمەيدىكەن ئاراملىق. ئويلايدىكەن ھەمىشە: مەنلا بولسام دۇنيادا. بارچە داننى ئۆزۈم يەپ، ئۆتسەم كەيپى - ساپادا. چەكسىز كەتكەن داڭگاللىق، كىرەر ئىكەن چۈشىگە. يېۋالغاندەك باشقىلار، كۆرۈنەركەن كۆزىگە، شۇئان چۆچۈپ، تولغىنىپ، كېتەر ئىكەن ئويغىنىپ. تاڭمۇ ئاتماي دانلاشقا، چىقار ئىكەن خۇيلىنىپ. بىر كۈنىسى چۈجىلەر، چىقىشىپتۇ دانلاشقا. ئەڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپتۇ، ئاشۇ چۈجە بىر باشقا. ماڭغانسېرى ئۇنىڭغا، كۆپ يېمەكلىك ئۇچراپتۇ. مېڭىپ - مېڭىپ يالغۇزلا، بىر سەيناغا كەپ قاپتۇ. ئاشۇ پەيتتە ئاسماندىن، بىر سار كەپتۇ پىرقىراپ. كۆرۈپ يالغۇز چۈجىنى، ئېتىلىپتۇ ئالدىراپ. چۇكۇلداپتۇ بىچارە، قېچىپ ئۇياق - بۇياققا. بولمىغاچقا پاناھ جاي، چۈشۈپ قاپتۇ قاماققا. قىپتۇ پۇشمان شۇندىلا، پەرياد ئۇرۇپ تولغىنىپ. ۋارقىراپتۇ ئارانلا، ھەسرەتلىنىپ، مۇڭلىنىپ: - ئەي دوستلىرىم ھەرگىزمۇ، قىزغانچۇقلۇق قىلماڭلار. تاپقاننى تەڭ بۆلۈپ يەپ، بىللە - ئىناق ياشاڭلار!
← بارلىق تېمىلار ماسال