UyghurWiki
UyghurWikiماسالچىنە ۋە چاي

چىنە ۋە چاي

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى نېمىشىقىدۇر چىنە بىلەن چاي دېيىشىپ قالدى. - ئىگەم مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ھەمىشەم ئىشلىتىدۇ، دائىم مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن، ھەتتا بەزى چاغلاردا چوڭ - كىچىك سورۇنلاردا كاتتا - كاتتا مېھمانلارغا ھەمراھ بولىمەن، شۇڭا مېنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشىدىغان تۆھپەم ئەڭ چوڭ، - دەپ چىنە يوغان قورسىقىنى تومپايتىپ كۆرەڭلەپ ماختىنىشقا باشلىدى. - ئەي چىنە، سەن ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە! ـ دېدى بۇنىڭغا قايىل بولمىغان چاي گەپ ياندۇرۇپ، - سېنىڭ قالتىسلىقىڭمۇ چاغلىق، ئەگەر مەن بولمىسام قانداق ھايات كەچۈرىدىغانلىقىڭنى كۆرۈپ باقاي، قېنى! پەقەت مەن بىلەنلا قەھرىمان بولىسەن! مەن مەردلەرچە ئۆزۈمنى قۇربان قىلىپ، يامان نەپسىڭنى تويدۇرسام، ئاندىن مېھمانلار ئالدىغا چىقالايسەن، مەن بولمايدىغان بولسام، سەنمۇ كېرەكسىز نەرسە بولۇپ، دەستىلەكلىك پېتىچە توپا بېسىپ تۇرىسەن، - دېدى چاي يالتىراق يۈزى ۋە ساپسېرىق كۆزىنى مىدىرلىتىپ. - سەن گەپدانلىق قىلما! راستتىنلا ئىزا تارتمايدىغان نېمە ئىكەنسەن، سېنىڭدىن ئايرىلسام مېنىڭ كۈنۈم ئۆتمەمدۇ!؟ - دېدى چىنە قىزىققانلىق قىلىپ. - بولىدۇ! بۈگۈندىن باشلاپ چىشىڭنى ھىڭگايتىپ، ئېغىزىڭنى ماكچايتىپ ئالدىمغا كەلمە، بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىپ سېنىڭ كارامىتىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي! - دېدى چاي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ. ئۇلارنىڭ تالاش - تارتىشىنى ئاڭلاۋاتقان ئوچاق بېشىدىكى غاز بويۇن چەينەك: - تالاش - تارتىش قىلماڭلار! مېنىڭچە، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن ئايرىلساڭلار بولمايدۇ، ئۆز خىزمىتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىلەرگە موھتاج، - دېگىنىچە ئۆز بېشىدىكى قالپىقىنى كۆرسەتتى، - مەززىلىك چاي دەملەشتە، ھەتتا مېنىڭ بۇ قالپىقىم كەم بولسىمۇ بولمايدۇ، سىلەر ئۆز رولڭلارنى كۆپتۈرسەڭلار بولمايدۇ. شۇنى بىلىش لازىمكى، >بىر تامچە سۇ دېڭىز بولماس، يالغۇز تېرەك ئورمان< پەقەت كۆپچىلىك بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئاندىن رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال