تاشپاقا بىلەن ئۆردەك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
تاشپاقا بىلەن ئۆردەك دوست بوپتۇ.
ئۇلار بىر كۈنى يېگىلى ئوزۇق ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر يەپ تاشلىۋەتكەن ئىككى دانە ئالما شۈپۈكى تاشپاقىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپتۇ.
- يېگىلى نەرسە تېپىلدى! - يىگىلى نەرسە تېپىلدى! - خۇشاللىقىنى باسالماي ئالما شۆپۈكلىرىنى يەردىن ئېلىپ، ئۆردەككە كۆرسىتىپتۇ تاشپاقا.
ئۆردەك ئۇنى قولىغا ئېلىپ، كۆڭلىگە بىر يامانلىقنى كەلتۈرۈپتۇ - دە، شۆپۈكنى تاشپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىپ:
- ئاغىنە، بۇ شۆپۈكلەرنى بىردىن يېسەك ياكى سەن تويمايسەن، ياكى مەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، ئىككىمىز مۇسابىقىلەشسەك، قايسىمىز ئۇتۇپ چىقساق، ئۇلارنى شۇ يېسە قانداق؟ - دەپتۇ.
- قانداق مۇسابىقىلىشىمىز؟
- ھەر ئىككىمىز بۇ شۆپۈكلەرنى بىردىن چىشلەپ دەريادىن ئۆتەيلى، قايسىمىز قىرغاققا بالدۇر چىقساق، ئۇنى شۇ يېسۇن، - دەپتۇ ئۆردەك تاشپاقىغا.
تاشپاقا بىر ئاز تۇرۇپ قاپتۇ - دە، ئۆردەكنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ، مۇسابىقە قىلىشقا قوشۇلۇپتۇ.
ئىككىيلەن دەريا بويىغا كەپتۇ. ئۇلار بىردىن ئالما شۆپۈكىنى چىشلەپ، سۇغا كىرىپتۇ - دە، يانمۇيان تۇرۇپ، مۇسابىقىنى باشلىۋېتىپتۇ.
ئۆردەك كەڭ، چوڭقۇر دەريادا بەھۇزۇر ئۈزۈپ، ھەش - پەش دېگۈچە تاشپاقىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تاشپاقا ئۆزىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆردەككە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىپتۇ.
ئۆردەك قارشى قىرغاققا يېقىنلىشاي دەپ قاپتۇ. ئۇ تاشپاقىنىڭ قانچىلىك كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىگە قاراپتۇ - دە، تاشپاقىنىڭ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ: مېنىڭ سۈرئىتىم نېمىدېگەن تېز، مېنىڭ قاناتلىرىم نېمىدېگەن ياخشى!؟ - دېگەندەك قىلىپ، كۆرەڭلەپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا >غاق!< قىلىپتىكەن، شۆپۈك ئاغزىدىن چۈشۈپ ئېقىپ كېتىپتۇ. ئۆردەك شۆپۈكنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، ئۇنى تۇتقۇچە تاشپاقا قىرغاققا چىقىپ بوپتۇ.
كۆرەڭ ئۆردەك مۇسابىقىدە يېڭىلىپ، ئالما شۆپۈكلىرىنى تاشپاقىغا بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.