UyghurWiki
UyghurWikiماسالتۈلكىنىڭ قۇيرۇقى

تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قۇيرۇقىنى چىقىرىپ يەرسە كىشىلەرنىڭ تونۇپ قېلىشىدىن قورققان تۈلكە، تانا بىلەن قۇيرۇقىنى قورسىقىغا تېڭىپ قويۇپتۇ ۋە ئۆزىنى >ئەجەپ ئەقىللىق ئىكەنمەن< دەپ ھېسابلاپ، خاتىرجەم بولغان ھالدا ھەممە جايغا قاتراپ يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى، تۈلكە ئېتىزلىققا بارغاندا بىر دېھقان ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ ناھايىتى مەغرۇر قىياپەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ: - تۈلكىنىڭ ھامان قۇيرۇقى بولىدۇ. قۇيرۇقى بولمىسا تۈلكە ئەمەس، قاراڭ، مېنىڭ قۇيرۇقۇم يوق، مەن تۈلكە ئەمەس... دەپتۇ. تۈلكىنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەستىنلا دېھقان كەتمەن بىلەن دۈمبىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرغانىكەن، تۈلكە ئاغرىققا چىدىيالماي سەكرەپ كېتىپتۇ ۋە قۇيرۇقى ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ. دېھقان قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ: - تۈلكە ھەر قانچە نىقابلىنىۋالسىمۇ، ئۇنى راسا كېلىشتۈرۈپ برنى ئۇرسا، قۇيرۇقى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال