كۆكۈيۈن
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى ھەرە پادىشاھى كۆكۈيۈننىڭ ئورمانلىقتا ئۇچرىغانلىكى جان - جانىۋارلارنى چېقىپ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ. كۆكۈيۈن يالغان ۋەدە بېرىپ قۇتۇلماقچى بوپتۇ، بىراق ھەرە پادىشاھى ئۇنىڭغا ياغاچ، بادرا ۋە ئوت - چۆپ توشۇپ كېلىپ، بىر ئېغىز ئۆي ياساشقا بۇيرۇپتۇ ۋە:
- ئەگەر ئۆينى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمەيدىكەنسەن، ئورمانلىقتىن ھەيدىۋېتىمەن، - دەپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ.
كۆكۈيۈن ئۆينى قانداقمۇ ياسارمەن، - دەپ باش قاتۇرۇپ كېتىۋاتسا، ئالدىغا ئات ئۇچراپ قاپتۇ. كۆكۈيۈن بىچارە قىياپەتتە:
- ئات ئاكا، بېشىمغا كۈن چۈشتى، ماڭا تاغدىن سەككىز تال ياغاچ ئەكىلىپ بەرسىڭىز، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ئات بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىچىدە: كۆكۈيۈن يىل بويى مېنى چېقىپ يۈرسە، مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەنمۇ؟ ياق، مەن ئۇن ئالداپ قوياي، دەپ ئويلاپتۇ - دە، بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ، كېيىنرەك ۋاقتىم چىقسا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
كۆكۈيۈن كالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- كالا ھەدە، چوڭ پالاكەتكە يولۇقتۇم، ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، تاغدىن 30 تال بادرا توشۇپ بەرگەن بولسىڭىز، - دەپ يېلىنىپتۇ. كالا بولسا ئۇنىڭ قىلچە رەھىم قىلماي نەشتەر سانجىپ چېقىشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ - دە:
- كۆرمىدىڭمۇ؟ مەن ناھايىتى ئالدىراش - دېگىنىچە قۇيرۇقىنى تىك قىلىپ چېپىپ كېتىپ قاپتۇ.
كۆكۈيۈن بىر توپ قويلارنىڭ قېشىغا كېلىپ:
- قوي دوستلار، مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى چاقمايمەن. مەرھەمەت قىلىپ ماڭا بىر باغلامدىن چۆپ توشۇپ بەرسەڭلار، - دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. قويلار ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، ياۋاشلىقىدىن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي:
- قېنى، بىز مەسلىھەتلىشىپ كۆرەيلى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋە ھەممىسى بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ جىم تۇرۇۋاپتۇ.
- ھېچكىم ماڭا ھەمكارلىشىشنى خالىمىدى، - دەپ زارلاپتۇ كۆكۈيۈن ھەرە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھەرە پادىشاھى ئۇنىڭغا:
- سەن ھەر دائىم باشقىلارنىڭ قېنىنى شوراپ كەلدىڭ، شۇڭلاشقا ھېچكىمدىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسەن! - دەپتۇ ۋە ئۇنى ئورمانلىقتىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.
يېگانە قالغان كۆكۈيۈن ھەر يەردە ماكانسىز ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ. تا ھازىرغىچە كۆكۈيۈننى كۆرگەن ئاتلار بېشىنى لىڭشىتىپ يالغاندىن ماقۇل دەيدىكەن، كالىلا قۇيرۇقىنى تىك قىلىپ ئالدىراش چېپىپ كېتىدىكەن، قويلار بولسا باشلىرىنى بىر يەرگە ئېڭىشتۈرۈپ كېڭەش قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن.