بۈركۈت ئاكا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
1. ئاھ، گۈزەل يايلاق! سەن مېنىڭ يېشىل ھۇجرام، ئارامبەخش سارىيىمسەن. سېنىڭ زۇمرەتتەك ئاسمىنىڭ مېنىڭ تاجۇتەختىم، گۈل - گىياھلىرىڭ مېنىڭ بەختىم - پەخرىم... مەن سېنىڭ قوينۇڭدا تۇغۇلدۇم، كۆزۈمنى ئېچىپلا رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولغان ھۆسنۈڭنى كۆردۈم؛ دىمىغىمغا گۈل - چېچەكلىرىڭنىڭ ئىپار ھىدلىرى ئۇرۇدى؛ يېشىل مەخمەلدەك ئوت - چۆپلىرىڭ، قاشتېشىدەك سۈزۈك سۇلىرىڭ مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئوزۇقلۇقۇم بولدى.
2. بىز بىر توپ قوزىلار كۈندۈزى ئانىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ، شۇ گۈزەل يايلاقتا يايراپ يۈرەتتۇق. خالىساق يۇمران ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى، گۈل - چېچەكلىرىنى ئۈزۈپ يەيتتۇق، مۇزدەك تاغ سۈيىنى ئىچەتتۇق؛ خالىساق بىر - بىرىمىز بىلەن قوغلىشىپ ئوينايتتۇق، قېلىن ئۆسكەن گۈل - گىياھلارنىڭ ئارىسدا ئارام ئېلىپ ئۇخلايتتۇق... ئاھ، ئانىجان يايلاق! بىز سېنىڭ بۇ ئەلۋەك قوينۇڭدا باياشات، خاتىرجەم ياشاپ، سەمرىشكە، بوي تارتىپ ئۆسۈشكە باشلىدۇق.
3. بىر كۈنى، ئاسمان زۇمرەتتەك سۈزۈك ئىدى. قارلىق چوققىلار ئۈستىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈيدىغان ئاق بۇلۇتلارمۇ قەيەرلەرگىدۇر كەتكەن؛ مەن دوستلىرىم بىلەن ئوتلاپ يۈرۈپ بىردەمدىلا تويۇپ قالدىم. كىچىككىنە قورسىقىم كاۋىچاقتەك تومپىيىپ چىقتى. يۇمشاق ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا بىر پەس ئارام ئالغۇم كەلدى. يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا مارجاندەك چىشلىرىمنى غۇرۇسلىتىپ، پۇخادىن چىققۇچە مەززە قىلىپ كۆۋشەپ ياتتىم. بىر ھازادىن كېيىن، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلۇشقا باشلىدى. مەن ئۇيقۇغا كەتكەنىدىم.
4. مەن شۇنداق چۈش كۆرۈپتۈمەن: مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر دۆڭلۈكتە بىر ئاچ بۆرەئۆزىگە ئوزۇق ئىزدەپ، قوتۇر بوينىنى پۇرژىنىدەك سوزۇپ، ئوت يانغان كۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە تىكىپ قاراۋاتاتتى... - ۋاي خۇدايىم، مېنىڭ ھەمراھلىرىم بۇ يىرتقۇچقا يەم بولۇپ كەتمىسە ئىكەن!- مېنىڭ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى. چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇردۇم - دە: >مە... مە... مە...! ئۆ...زۈڭلار... نى... قۇتۇلدۇ...رۇڭلار...!< دەپ ۋارقىراشقا باشلىدىم، لېكىن بۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتا مېنىڭ ھەمراھلىرىمنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى، بەلكى يېقىنلا يەردە مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى ئاچ بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە ماڭا قاراپ ئېتىلىشقا تەييارلا تۇراتتى.
5. مەن خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا ئۆزۈمنى يىراققا ئاتتىم. قويۇق ئۆت - چۆپلەرنى ئارىلاپ جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم، ئۇ جان ئالغۇرنىڭ قانلىق چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالمىساملا بولاتتى. كەينىمگە قارىغۇدەك ماجالىم يوق ئىدى. لېكىن ئۇ يىرتقۇچنىڭ ھەر قاچان يېتىپ كېلىپ مېنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش ئېھتىمالى بار ئىدى، شۇڭا قاچە - قاچە، ئاخى كىچىكرەك بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ئۆڭكۈرگە ئۆزۈمنى ئېتىپ، دىر - دىر تىترىگىنىمچە كۆزلىرىمنى مۆلدۈرلىتىپ تالاغا قاراپ تۇردۇم.
6. شۇ ئەسنادا، ئاسماندىن بوراندەك بىر شاۋقۇن ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا يايلاق ئاسمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ ئاجايىپ يوغان بىر قۇشنىڭ شۇڭغۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھاۋانى يېرىپ تۇرىدىغان قانىتى كەينىگە تۈگۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئامبۇردەك پۇتلىرىنى بىر يىغىپ، بىر سوزۇپ، ئوتقاشتەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچەباش - ئۈستۈمدىن غۇيۇلداپ ئۆتتى. مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچتىم، قارىسام، مەندىن ئون قەدەم نېرىدا مېنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئاچ بۆرىنى ھېلىقى قارا قۇش قاماللىغىنىچە بېسىپ تۇرۇپتۇ. ئاھ، قارا قۇش! مېنىڭ نىجاد يۇلتۇزۇم، سەن نېمانچە سۆيۈملۈكسەن - ھە!
7. ھايا ئۆتمەي، ئوۋچى تاغىلىرىم يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ھېلىقى يىرتقۇچ بۆرە قارا قۇشنىڭ چاڭگىلىدا جان تالشىپ ياتاتتى. ئوۋچى تاغىلار بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويدى. مېنىڭ ھەمراھلىرىممۇ قەيەرلەردىندۇر پەيدا بولۇپ كېلىشتى. ئۇلار مەندىن ناھايىتى ئەنسىرىگەنىكەن، بىز خۇشال تېپىشتۇق.
- سېنىڭ ھاياتىڭنى بۆرىدىن ساقلاپ قالغان بۈركۈت ئاكام، - دېدى ھەمراھلىرىمدىن بىرى، - ئۇ يايلاقتا بىزنى يىرتقۇچلاردىن قوغدايدۇ.
- شۇنداقمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى بۈركۈت ئىكەن -دە!... بۈركۈن ئاكا، ئۆتكۈر كۆزلىرىڭىزگە، پولاتتەك قاناتلىرىڭىزغا، ئالماستەك تىرناقلىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن! - دېدىم مەن خۇشاللىقتىن سەكرەپ. بۇ چاغدا بۈركۈت ئاكام >شاڭق، شاڭق، شاڭق< قىلىپ سايراپ، يىرتقۇچلارنى ئوۋلاشقا يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دوستلىرىمدىن ئايرىلىپ ئۇخلاپ قالمايدىغان بولدۇم.