تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ھەيۋەتلىك بىر تاغنىڭ باغرىدا،
بۈك - باراقسان ئورمان بار ئىكەن.
شىر ۋە يولۋاس ئاشۇ ئورماندا -
ياشايدىكەن، ئامراق يار ئىكەن.
ئاي ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ،
شىر ۋە يولۋاس تەڭلا قېرىپتۇ.
ئوۋ ئوۋلاشقا بارالماي يىراق،
ئورمانلىقنى ھەر كۈن كېزىپتۇ.
بىر كۈنىسى ئۇلار ئالدىغا،
يولۇقۇپتۇ بىر سېمىز قوزا.
تۇتۇۋاپتۇ قوزىنى، بىراق،
باشلىنىپتۇ ئارىدا نىزا.
شىر ۋە يولۋاس ئولجا تالىشىپ،
بىر - بىرىگە قاپتۇ ئۆچلىشىپ.
قىپتۇ جاڭجال، قويۇشماپتۇ يول،
بىر - بىرىنى چىشلەپ، مۇشتلىشىپ.
قالمىغاندا مادار - ماجالى،
ئولتۇرۇشۇپ ئويغا چۆكۈپتۇ.
ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئولجىغا،
دىلغا يامان غەرەز پۈكۈپتۇ.
× ×
ئامال ئىزدەپ يولۋاس شۇ كۈنى،
كېتىپ بېرىپ خىيال - ئوي بىلەن.
قاپتۇ ئۇچراپ توخۇ ئوغرىسى،
ھارامزادە تۈلكىباي بىلەن.
>تۈلكە بىلەن بىرلەشسەم ئەگەر،
دۈشمىنىمدىن غالىب كېلىمەن.
ئولجا جەزمەن بولىدۇ مېنىڭ،
يەيمەن تويۇپ، مەززە قىلىمەن<.
شۇ خىيالدا يولۋاس تۈلكىگە،
دەپتۇ: - ئاداش يولۇڭ قاياققا؟
- دوستۇم سېنى دىلدىن سېغىنىپ،
كەلگەنىدىم ئىزدەپ بۇياققا.
- مەنمۇ شۇنداق، - دەپتۇ تۈلكىباي،
چاندۇرمايلا كۈلۈپ يالغاندىن.
خۇشاللىنىپ يولۋاس، - بولۇپتۇ -
قۇتۇلغاندەك قايغۇ - ئەپغاندىن.
- ياردەم قىلغىن، دوستۇم تۈلكىجان،
چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا قازا.
بىلمەپتىمەن، قاچقاندا ئامەت -
قېرىنداشتىن كېلەركەن بالا.
بىر بەتنىيەت ئالايتماقتا كۆز،
كەلگەن ئامەت - رىزقىمغا مېنىڭ.
تارتىۋالدى ئېسىل ئولجىنى،
باركى ئۇندا نېسىۋەڭ سېنىڭ.
يۆلەك بولساڭ،
ئاشۇ ئەبلەخنى -
بىللە قىلساق گۆرىگە راۋان.
تەڭ كۆرەتتۇق بارنى ئىككىمىز،
ياشار ئىدۇق شاد - خۇرام ھامان...
يېقىپ بۇ سۆز تۈلكە كۆڭلىگە،
زوق - شوخ بىلەن خەندان كۈلۈپتۇ.
تەڭ كۆرۈشكە بارنى ئالدىراپ،
لەۋلىرىدىن سۆزى ئۇچۇپتۇ:
- بۇ ئاسان ئىش، قايغۇرما ئاداش.
رەقىب گۆرگە بولغۇسى راۋان.
رەقىبىڭنى ئەتە قاپقانغا -
چۈشۈرەي مەن تاڭ ئاتقان ھامان.
× ×
ئاشۇ كۈنى كەچقۇرۇندا شىر،
كەپتۇ ئىزدەپ مەككار تۈلكىنى.
ئۆتكەن ئىشنى سۆزلەپ بىرمۇبىر،
ئايان قىپتۇ نىيەت - كۆڭلىنى:
- يول كۆرسىتىپ ماڭا بۇرادەر،
رازى قىلساڭ سەمىمىي مېنى؛
مۇشۇ تاغقا پادىشاھ قىلىپ،
تەيىنلەيمەن تۈلكىجان سېنى.
توققۇزۇڭ تەل بولىدۇ سېنىڭ،
خالىغانچە راھەت كۆرىسەن.
ئۆمرۈڭ ئۆتەر ئەيش - ئىشرەتتە،
ھاياتلىقنىڭ پەيزىن سۈرىسەن...
بۇ سۆزلەردىن تۈلكىنىڭ كۆڭلى،
كېتىپتۇ سىمابتەك ئېرىپ.
گۈلقەقەسى ئېچىلىپ ئۇنىڭ،
خىيال قىپتۇ زوقتا كېرىلىپ:
>بارغا شېرىك بولغاندىن كۆرە،
تۈمەن ئەۋزەل بولسام پادىشاھ.
پادىشاھلىق تاجىنى كىيسەم،
ئۆتەر مېنىڭ ئىلكىمگە دۇنيا!
مېنى ماختاپ ئوقۇشۇپ غەزەل،
شىر، يولۋاس قىلىشار تەزىم.
زىلزىلىگە پۈتۈن ئالەمنى،
كەلتۈرگۈسى مېنىڭ ئاۋازىم!...
شۇ خىيالدا ھىيلىگەر تۈلكە،
ماقۇل كېلىپ شىرنىڭ سۆزىگە:
ياردەم قىلىپ شىرغا، قۇم تىقماق -
بوپتۇ دوستى يولۋاس كۆزىگە.
ئەمما ئاشۇ سۆزلەرنى يولۋاس،
ئاڭلاپ قاپتۇ مارىلاپ تۇرۇپ.
>خەپ!< دەپتۇ - دە، يولۋاس كۆڭلىدە،
غەزەپ بىلەن تەرىنى تۈرۈپ.
× ×
تاڭ ئاتقاندا تۈلكە شاپاشلاپ،
كەپتۇ دوستى يولۋاس قېشىغا.
پادىشاھلىق تاجىنى شۇدەم،
كىيگەندەك بوپ گويا بېشىغا.
يولۋاس كۈلۈپ، يېقىنلاپ كېلىپ،
تۈلكىباينى تۇتۇپ >كاپ< قىلىپ،
>ئىپلاس!< دەپتۇ ئىپلاسلىقنى،
قۇۋ تۈلكىنىڭ يۈزىگە سېلىپ.
يالۋۇرسىمۇ تۈلكە، يولۋاسجان -
پەرۋا قىلماي قاتتىق مۇجۇپتۇ.
خېمىر بولۇپ تۈلكە سۆڭىكى،
تۈك - يۇڭلىرى ھەريان توزۇپتۇ.
شىر ۋە يولۋاس >ئېزىپتۇق< دەپتۇ،
سەۋەنلىكنى ئېنىق كۆرۈپتۇ.
ئىناق - ھەمراھ بولۇپ ئۆلگۈچە،
ئايرىلماستىن ئۆمۈر سۈرۈپتۇ.