ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكتىن:
- سېنىڭ ھاياتىڭدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى.
- مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ئەينىكى، ئۇ خىل ئەينەك قانچە ھەسسە كىچىكلىتىپ كۆرسەتسە، شۇنچە ياخشى، - دېدى كەمچىلىك، ئۇ ئارقىدىنلا ئارتۇقچىلىقتىن:
- سەن ھەر قاچان چوڭايتىپ كۆرسەتكۈچى ئەينەكنى ياخشى كۆرىسەنغۇ، - دەپ سورىدى.
- ياق، نەتىجە قازانغاندا كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارتۇقچىلىق ھېسابلانمايدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئارتۇقچىلىق.