ھارام تاماقنىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئاق مېكىيان چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ھويلىدا ئەخلەت - چاۋارلارنى تاتىلاپ دانلاۋاتسا، كامىرىدىن چىقىپ >ئوۋ< غا ماڭغان چاشقان مەسخىرە قىلىپ: - ئەي جاپاكەش توخۇ، بويۇڭغا قارىسام يامان ئەمەس كۆرۈنىسەن، ھالىڭغا باقسام بەكمۇ ئوسال ئىكەن. ئەتىدىن كەچكىچە تىنماي چاپىسەن، ياخشى ئوزۇق تاپالماي ئەخلەت - توپىلارنى تاتىلايسەن. قورسىقىڭنى تويدۇرالماي ئاۋارىسەن. مانا مەن بويۇم كىچىك بولسىمۇ، جاپا تارتماي ياخشى كۈن كەچۈرىمەن. ئۆتكۈر كۆزلىرىم، چاققان پۇتلىرىمغا تايىنىپ خالىغاننى يەپ، ئويناپ - كۈلۈپ يۈرۈيمەن. ھازىر مەن ئىككى ئامبارنى ئاشلىققا لىق توشقۇزۇپ، قىشلىق ئوزۇقۇمنىمۇ غەملىۋالدىم، - دەپ سۆزلەپتۇ.
ئاق مېكىيان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ:
- مەن سەھەر تۇرۇپ قىر - دالالاردا قۇرت - قوڭغۇزلارنى تېرىپ يەيمەن، ھويلا - ئاراملاردا چېچىلغان - تۆكۈلگەننى تېرىپ دانلايمەن، مەن سېنى ھېچ يەردە ئۇچراتمىغان، ئوزۇق يىغقىنىڭنىمۇ كۆرمىگەنىدىم، سەن قەيەرلەردە يۈرۈپ شۇنچە مول ئوزۇقلۇقنى يىغىۋالدىڭ؟ - دەپتۇ.
چاشقان قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ، كېرىلگەن ھالدا:
- يۈر، مەن ساڭا ھۈنىرىمنى كۆرسىتىپ قوياي، مەن ئوزۇقلىنىدىغان جايغا بارساڭ، مەندىن ئاشقان - تاشقاننى تېرىپ يېسەڭمۇ بالىلىرىڭ بىلەن بىر كۈندە تۈگىتەلمەيسەن، - دەپ يول باشلاپ مېڭىپتۇ. ئاق مېكىيان چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ چاشقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۆز ئىگىسىنىڭ قازناق ئۆيىگە كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتۇ.
- مانا بۇلار مېنىڭ ئوزۇقلۇقۇم، - دەپتۇ چاشقان تاغاردىكى بۇغدايلارنى، ئاسقىدىكى كۆممىقوناق باشلىرىنى، خالتىدىكى گۈرۈچنى، تۇزلانغان گۆشلەرنى كۆرسىتىپ.
- ئەي، مەن سېنى مېھمان قىلاي، چېچىلغانلارنى تېرىپ يېسەڭچۇ، - دەپتۇ ئۇ يەنە تېشىلگەن بۇغداي تاغىرىنى كۆرسىتىپ.
- چاشقانباي، بۇ مېنىڭ ئىگەمنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىغۇ؟ بۇ قانداقلارچە سېنىڭ بولسۇن! - دەپتۇ ئاق مېكىيان.
- ئەي، تازا كالۋا بىر نېمە ئىكەنسەن، ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! ئۇ ئادەم تاپقىنىنى قازناققا كىرگۈزىدۇ - دە، چىقىپ كېتىدۇ. كېچە - كۈندۈز كۆزەت قىلىپ تۇرمىغاندىكىن، كىمنىڭ يەپ كەتكەنلىكىنى قەيەردىن ئۇقسۇن! - دەپتۇ چاشقان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ مەغرۇرلۇق بىلەن.
- تەييارغا ھەييارلىق قىلىدىغان بۇنداق ھارام تاماقلىق، ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق! بىز ھەرگىز بۇنداق قىلشىنى خالىمايمىز، - دەپ ئاق مېكىيان ئارقىغا يانماقچى بولغاندا، چاشقان ۋالاقلاپ:
- ئون ئېغىز كاپ - كاپتىن، بىر ئېغىز ھاپ - ھاپ ياخشى. تەييار نەرسە تۇرغان يەردە جاننى ئۇپرىتىش سەندەك ئەخمەقنىڭ ئىشى، - دەپتۇ ۋە كىچىك بىر پارچە گۆشنى كۆرۈپ ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۇنىڭغا تاشلىنىپتۇ. تاختىمۈشۈكنىڭ >تارس< قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ چاشقاننىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ، پۇتلىرى ھەرىكەتتىن قاپتۇ. ئاق مېكىيان بالىلىرىغا:
- ھارام تاماقنىڭ ئاقىۋىتى شۇ. يۈرۈڭلار، بىز ئۆزىمىزنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ساغلام ھايات كەچۈرەيلى! - دەپ قازناقتىن چىقىپ كېتىپتۇ.