UyghurWiki
UyghurWikiماسالتايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى

تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى بايتال تايچىقىغا: - بالام، سەن خېلى چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى ئاناڭنىڭ ئىشلىرىغا ئانچە - مۇنچە ياردەملەشكىن، ماۋۇ يېرىم قاپ بۇغداينى تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئۇن تارتىپ كەلسەڭ قانداق؟ - دېدى. - ماقۇل، ئانا! - دېدى تايچاق. ئۇ دەرھال يېرىم قاپ بۇغداينى ئۈستىگە ئارتىپ ئۇچقاندەك تۈگمەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ماڭا - ماڭا بىر دەرياغا كېلىپ قالدى. قارىسا، دەريادا كۆۋرۈك يوق ئىكەن. تايچاق نېرىراق بىر يەردە تۇرغان بىر سىيىرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: - سىيىر ھامما، مەن دەريادىن ئۆتۈپ تۈگمەنگە بارماقچىدىم، بۇ دەريانىڭ سۈيى بەك چوڭقۇرمۇ؟ - دېدى. - ياق، ناھايىتى تېيىز! سۇ ئاران تىزىڭغا چىقىدۇ، - دېدى سىيىر. - رەھمەت سىزگە، سىيىر ھامما! - دېدى تايچاق. ئۇ خۇشاللىق بىلەن دەريا بويىغا چېپىپ كېتىۋاتقاندا، توساتتىن بىر تىيىن سەكرەپ كېىپ ۋارقىرىدى: - ۋاي تايچاق، دەرياغا كىرمە، سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ قالىسەن. تۈنۈگۈن مېنىڭ بىر دوستۇم سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كەتتى! زادى كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغىنىم تۈزۈك؟ - دەپ ئويلىدى تايچاق، - ھە، راست، ئەڭ ياخشىسى قايتىپ بېرىپ ئانامدىن سوراي. تايچاق ئۆيگە بېرىپ، بولغان ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بەردى. - دەريا سۈيىنىڭ تېيىز ياكى چوڭقۇرلۇقىنى ئۆزۈڭ سىناپ باقتىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى ئانىسى. - ياق! - دەپ جاۋاب بەردى تايچاق. - نېمىشقا سۇغا كىرىپ سىناپ باقمايسەن؟ بالام، سىيىر بىلەن تىيىن ھەر ئىككىسىلا توغرا ئېيتقان. سىيىرنىڭ بويى ئېگىز بولغاچقا، ئۇ دەريا سۈيىنى تېيىز دەيدۇ؛ تىيىننىڭ بويى پاكار بولغاچقا، ئۇ دەريا سۈيىنى چوڭقۇر دەيدۇ؛ ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا قالماي، مۇستەقىل ئويلاپ، سىناپ بېقىش كېرەك! ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، تايچاق قايتىدىن دەريا بويىغا كەلدى - دە، ئاۋايلاپ سۇغا كىردى. ئۇ دەريا سۈيىنىڭ تېيىزمۇ ئەمەس، چوڭقۇرمۇ ئەمەسلىكىنى سەزدى - دە، ئۇچقاندەك چېپىپ دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار ماسال
تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى | UyghurWiki | UyghurWiki