قارلىغاچ بىلەن يىلان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
قىش كېتىپ، كەلدى چىرايلىق ئەتىياز،
گۈل - گىياھ، بەرگى قىياقلار قىلدى ناز.
يەردە سۇ، ئاسماندا تورغاي ئېيتتى كۈي،
شوخ سابا تارقاتتى ھەر يان ئەتىر بۇي.
تالى مەجنۇنلار، سۆگەتلەر سالدى چاچ،
كەلدى ئىسسىق ئۆلكىدىن جۈپ قارلىغاچ.
دۆڭدىكى ئاپئاق تېرەكنىڭ ئالدىدا،
يار بېشىدا بەك قولاي بىر دالدىدا؛
قارلىغاچ ئوبدان تۈزەپتۇ چاڭگىنى،
پەي ۋە ئوت - چۆپتە بېزەپتۇ چالمىنى.
ئۇۋىدا بىر جۈپ ۋاپادار قارلىغاچ،
گاھى قارنى توق بولاركەن، گاھى ئاچ.
شۇندىمۇ خۇش ۋاق ياشاپتۇ ئۆم - ئىناق،
يا ئۇرۇشماي، يا تالاشماي، ئىتتىپاق.
بىر كۈنى چۈشتە چىرايلىق مەشۇقى،
ئاشىقىغا بىر قاراپ دەپتۇ شۇنى:
- ئامرىقىم، بەكمۇ يېقىندۇر ئاي - كۈنۈم،
غەم ئىچىدە ئۇيقۇسىز ئۆتتى كۈنۈم.
بالىمىز چىقسا تۇخۇملاردىن بۇ رەت،
شۇم يىلان كۆزنى يەنە ئەيلەپ غەلەت؛
بالىجانلارنى چىقىپ ئەپقاچمىسۇن،
ئۇ بالاخور قارنىغا يەپ قاچمىسۇن.
تۆت تاماننى تەكشۈرۈپ ئوبدان قاراڭ،
شادلىنىپ بۇلتۇرقىدەك بولماي گاراڭ.
گەر خەتەر بولسا ئۆيۈم يۆتكەپ كېتەي،
بىر خەۋپسىز جايغا مەن دەرھال يېتە...
ئاشىقى شۇ دەم ئۇچۇپتۇ ھەر قايان،
مەشۇقى ھەمدەم بولۇپتۇ يانمۇيان.
بۇ ئېگىز يارلىقنى ئوبدان ئاختۇرۇپ،
قاپتۇ بەك قوشنا - قولۇمنى ياقتۇرۇپ.
كۈنچىقىش ياقتا بولۇپ سانسىز كامار،
قارلىغاچ، قۇشقاچ ئۆيى باركەن قاتار.
مەلىدە قاينار ئىكەن قۇۋناق ھايات،
ئۆم - ئىناق ئوينار ئىكەن ئۇچار قانات.
ئاشىقى دەپتۇ: - جېنىم، باسقىن تۇخۇم،
بايقىسام ئوبدان ئىكەن قوشنا - قولۇم.
بىر بالا چىقسا ئەگەر تۇرماس قاراپ،
بىزنى خەۋپتە قالدۇرۇپ كەتمەس تاراپ.
نېرىدىن تۇغقان كېلىپ ئەسقاتقۇچە،
ھەم ساڭا ھەمدەم بولۇپ جان قاتقۇچە؛
قوشنىلار دەرھال بولار جانغا ئارام،
بولمىغاي قانۇ قېرىنداشتىنمۇ كەم.
مەشۇقى دەپتۇ: - جېنىم، شۇنداق قىلاي،
سۆزلىرىڭنى ئاڭلىماي قانداق قىلاي.
ماڭىمۇ مۇنداق ماكان قالدى ياراپ،
تۇرمىغاندۇ شۇم يىلان مۇنداق ماراپ.
مەن باساي مۇندا تۇخۇم ئاۋۋالقىدەك،
بالىجان كۆرگۈم كېلەر سەندىنمۇ بەك.
مەن ئۇلارنى ئارزۇلاپ باغرىم ياقاي،
پەي - قانىتىنى تاراپ ئوبدان باقاي.
قىش يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ بولسۇن ئۇچۇم،
كەتمىگەي شۇندا مېنىڭ بوشقا كۈچۈم.
سەيلە قىلىپ كۆكتە ئۇلار ئۇچسا كۆرەي،
ئەل ئارا كۆكرەك كېرىپ مەنمۇ يۈرەي.
شۇنى دەپ تۇغدى تۇخۇم، باستى ئۇنى،
پەرۋىش ئەيلەپ باغرىدا كۈندۈز - تۈنى.
ئاشىقى ھەر كۈنلۈكى ئەكەلدى يەم،
تۇمشۇقى بىرلە توشۇيتتى سۇمۇ ھەم،
مەشۇقى مۇنداق دېدى بىر كۈن خۇشال:
- بالىجان چىقتى، قاراڭ، تاشلاپ شاكال.
ئاز ئۆتۈپ پەي ۋە قانات چىققاي گۈزەل،
كۆك ئارا ئۇچقاي تازا ئېيتىپ غەزەل.
ئاشىقى ئۇچتى خۇشال، مەشۇقمۇ ھەم،
بىر نەپەس ئالماي ئارام ئەكەلدى يەم.
× ×
بار ئىدى بۇ چەتتە بىر تاقىر ئېدىر،
يا گىياھ، يا جانىۋار قىلماس مىدىر.
نە ئۈچۈنكى ئوت - گىياھ ئۈنمەس ئىدى،
قۇش - قۇرت، يا جانىۋار كۆنمەس ئىدى.
شۇ ئېدىرنىڭ باغرىدا تاش بار ئىدى،
ئاشۇ تاشنىڭ ئارقىسى بىر غار ئىدى.
غار ئىچىدە بار ئىدى ياۋۇز يىلان،
كۆڭلىدە قۇرماق ئىدى نۇرغۇن پىلان:
>ئاشۇ يارنىڭ باغرىدا سانسىز كامار،
ھە، ئۇنى قىلغان ماكان جان - جانىۋار.
ھەممىسىنىڭ چىشىسى باستى تۇخۇم،
مەن ئۇلارغا يېگۈزەي زەھەر - زۇقۇم.
خېلى بولدى كۆرمىدىم تۈرلۈك غىزا،
ئىچ - ئىچىم ئوغا بىلەن توشتى تازا.
بۇ ئېدىرنىڭ ئوڭ - سولدىن چىقتىم كېزىپ،
قۇش، قۇرت كەتكەنىكەن مۇندىن تېزىپ.
ئۇچرىغاننى ئۆلتۈرۈپ بولدۇم چېقىپ،
قالغىنى كەتتى تاراپ قورقۇپ قېچىپ.
مەن ئۆزۈم باتۇر نېمە، قورقماس يۈرەك،
ھەممىسى نىمجان - ئۆلۈك مەندىن بۆلەك.
يار بېشىغا بىر بېرىپ سويلاپ باقاي،
بىر تۇخۇمنى قالدۇرۇپ قويماي يۇتاي،
ھاۋادا ئۇچقاننى دەم تارتىپ تۇتاي.
كىم ئۇنى ئۇچسۇن دېگەن پەرۋاز قىلىپ،
ئۇ ئۇچارمۇ مەن يىلان يەردە قېلىپ.
ھەممىسى كۆرسە مېنى دىر تىترىسۇن،
بۇ ماكاننى قالدۇرۇپ تېز پىترىسۇن،
دەپ يىلان يول سالدى تېز تىك يار تامان،
قارنىدا يۈزلەپ چايان قاتراپ ھامان.
گۈل - گىياھ كۆرگەچ ئۇنى پېشكەل بولۇپ،
پۇت - قولىغا يامىشىپ ئىشكەل بولۇپ:
شوخ شامالغا شۇ ھامان قىلدى خەۋەر:
- يار بېشىغا يەتكۈزۈڭ، كەلدى خەتەر.
ھەممىسى تۇرسۇن بۈگۈن تەييار بولۇپ،
بىر - بىرى بىرلە قېرىنداش، يار بولۇپ.
بۇ تەرەپكە كەلدى شۇ، ھەييار يىلان،
قورسىقىغا ھەم پۈكۈپ مەككار پىلان.
ئۇ تىرىك بولسا ئاراملىق يوق ئىكەن،
ئۇ تىرىك جانغا قادالغان ئوق ئىكەن.
ئۇ ياۋۇزغا بەرگۈلۈك ئادىل جازا،
شۇندىلا ھەر بىر كۆڭۈل كۈلگەي تازا.
شوخ شامال ئاڭلاپ بۇنى كەتتى ئۇچۇپ،
يار بېشىغا شۇ ھامان يەتتى ئۇچۇپ.
ئاڭلىغاننى بارچىغا قىلدى خەۋەر:
- تېز بولۇڭلار، بۇ تامان كەلدى خەتەر.
يار بېشىغا يامىشىپ ھەييار يىلان،
جان - جېنىڭنى ئالغىلى تەييار يىلان!
جان قېرىنداشلار، قىلىڭ تېزرەك ئامال، -
دەپ خەۋەرنى تارقىتىپ كەتتى شامال.
قارلىغاچنىڭ مەشۇقى ئاڭلاپ بۇنى،
ماغدۇرى كەتتى، ئۇنىڭ چىقماي ئۈنى.
ئۇ دېدى: - بولدى، بۈگۈن ھەرنە كۆرەي،
بالىلىرىمنى تاشلىماي بىللە ئۆلەي.
ئاشىقى كۆكتە ئۇچۇپ قىلدى نىدا،
مەلىنى بىر ئالدى بۇ كۈچلۈك سادا.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىشىپ قۇشلار شۇئان،
قۇردى دەم يىلاننى بابلاشقا پىلان.
چوڭ - كىچىك قىلماق بولۇپ بىردەك ھۇجۇم،
- نەدە، - دەپ سالدى نەزەر، - ھەييار ئۇ شۇم.
شۇ مەھەل چىقتى يىلان >كۇش - كۇش< قىلىپ،
ھېچ چىقالماي ئۇۋىغا پۇش - پۇش قىلىپ.
بارچە قۇشلار جەم بولۇپ، ئوقتەك ئۇچۇپ،
گاھى ئېگىز، گاھى بولسا پەس ئۇچۇپ.
ھەممىسى بىردەك كېلىپ بىردىن چوقۇپ،
شۇم يىلانغا تاشلىنىپ بىردەك نوقۇپ؛
تويدۇرۇشنى ئۇ ياۋۇزنى جېنىدىن،
يەر بويالدى ئۇ زەھەرنىڭ قېنىدىن.
بىرى چىشلەپ قۇيرۇقىدىن >شاق< قىلىپ،
كۆككە ئۆرلەپ يەرگە ئاتتى >ۋاق< قىلىپ.
بۇ ئويۇننى ئوينىشىشتى نەچچە رەت،
قىيما - چىيما بولدى يىلان ئاقىۋەت.
ئۈ چۈمۈلە قوۋمىگە بولدى غىزا،
بۇ زىياپەت ئەھلىنى قىلدى رىزا.
بارچە قۇش ئوخچۇپ ھاۋادا يايرىدى،
ھەممىسى ئېيتىپ غەزەل شوخ سايرىدى.
كۆكتە پەرۋاز ئەيلىدى جۈپ قارلىغاچ،
ئەلنى مەپتۇن ئەيلىدى زەپ سايرىغاچ.
\@