UyghurWiki
UyghurWikiماسالكىم كۈچلۈك؟

كىم كۈچلۈك؟

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى يېڭى ئېچىلغان بوز يەردىكى زىرائەتلەر راسا ئاينىدى، بۇ گۈزەللىكنى كۆرگەن سۇ پومپىسى ئۆزىچە ۋىلىق - ۋىلىق كۈلدى - دە، كۆرەڭلەشكە باشلىدى: - ۋالاق - ۋالاق - ۋالاق! سۆزگە سال قۇلاق.ھەقىقەتەن كۈچلۈكمەن، چۆلنى ياشناتقان باتۇر ئەزىمەتمەن. ئەگەر يەر ئاستىدىكى سۇنى مەن ئۈستىگە چىقارمىسام ھەممىڭ خاراب، باغرىڭ كاۋاپ بولۇشىسەن! سۇ پومپىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ترانسىفورماتورنىڭ غەزىپى كېلىپ غوڭۇلداپ كەتتى: - نېمىدەپ ۋالاقلاۋاتىسەن، ئۆزۈڭنى بىلمەي! ئەگەر مەن توكنى كۈچەيتىپ، ساڭا قۇۋۋەت بەرمىسەم، قايسى كۈچۈڭ بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى چىقىرالايتتىڭ؟ بۇ چۆلنىڭ ياشناپ گۈزەللىشىشى ئەلۋەتتە ماڭا تەئەللۇق، - دېدى. بۇ ئىككىسىنىڭ يېنىدىكى ئېتىزدا ئۆسكەن ئاپتاپپەرەس ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ نازاكەتلىك كۈلكىسى بىلەن ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان ھالدا: - بۇرادەرلەر، ئۇنچىۋالا تالىشىپ كەتمەڭلار، سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئادەملەر. ئۇلار جاپالىق مېھنەت قىلىپ ۋە مېڭىسىنى ئىشلىتىپ سىلەرنى لايىھىلەپ ياساپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە بىزنىمۇ تېرىپ، سۇغىرىپ، ئاسراپ ئۆستۈردى. بىز، ئەلۋەتتە ئىنسانلارغا رەھمەت ئوقۇشىمىز ھەم ئۇلار ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلىشىمىز كېرەك، - دېدى. سۇ پومپىسى بىلەن ترانسىفورماتۇر، ئاپتاپپەرەسنىڭ سۆزىگە قايىل بولماستىن، يەنە تالىشىشقا باشلىدى: - ۋىلىق - ۋىلىق - ۋىلىق! ۋالاق - ۋالاق - ۋالاق؟ مەن باتۇر، مەن بولمىسام قانداق سۇ چىقىدۇ! - دېدى سۇ پومپىسى. - غىڭ - غىڭ، غۇڭ - غۇڭ، مەن كۈچلۈك! قۇۋۋەتنى ساڭا بەرمىسەم قانداق ھەرىكەتلىنەلەيسەن، - دېدى ترانسىفورماتور. بۇ ئىككىسىنىڭ تالىشىشى ئەۋجىگە چىقىپ ھەرىكەتلىرى نورمالسىزلانغانلىقتىن، بىخەتەر توك يەتكۈزۈش سىمى كۆيۈپ كەتتى. شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى توختاپ، زۇۋانى تۇتۇلۇپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا مانتيور ئۇستام كېلىپ، كاشىلىنى ئوڭشاپ، ئۇلارنى قايتا ئىشقا چۈشۈردى. بۇ ئىككىسى يەنە ھەرىكەتكە كېلىپ زۇۋانغا كىردى ۋە: >ئاپتاپپەرەسنىڭ سۆزى توغرا ئىكەن، مانتيور ئۇستام بولمىغان بولسا بىزنىڭ كاشىلىمىز ئوڭشالمايتتى، بىزنى ئىشلەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئىكەن< دېيىشىپ، بىر - بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. \@
← بارلىق تېمىلار ماسال