UyghurWiki
UyghurWikiماسالقوغۇن بىلەن پور تېرەك

قوغۇن بىلەن پور تېرەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كەڭ ئېتىزلىقتىكى يول بويىدا بىر تۈپ تېرەك بار ئىكەن، ئۇنىڭ غوللىرى ئەگرى، ئىچى پور - كاۋاك ئىكەن. ئۇ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قوغۇنلۇققا بوينىنى سوزۇپ قاراپ، گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان قوغۇنلارنى كۆرۈپتۇ، بىراق قوغۇننىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ، غوللىرى سولىشىپ قالغانىكەن. كاۋاك تېرەك قوغۇننىڭ بۇ قىياپىتىنى كۆرۈپ: - ئەي قوغۇنجان، ئۆمرۈڭ نېمانچە قىسقا؟ سەن كۆپ مېۋە بەرگەچكە، ئاران بىر يىللا ياشىيالايدىكەنسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە ماڭا ئوخشاش مېۋە بەرمەي، ئۇزۇن يىل ياشىساڭ بولمامدۇ؟ مانا مەن قېرىپ، ئىچىم كاۋاك بولۇپ قالساممۇ، قىش - ياز ياشاۋاتىمەن، - دەپ ماختىنىپتۇ. قوغۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغىنىنى بىلسىمۇ، قىلچە ئۆكۈنمەي، مەردانىلىك بىلەن كاۋاك تېرەككە قاراپ: - مەن مېۋە بەرمەي 100 يىل ياشىغاندىن كېيىن، مېۋە بېرىپ بىر يىل ياشىغاننى ئەلا بىلىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال