UyghurWiki
UyghurWikiماسالئات نېمىشقا يېڭىلدى

ئات نېمىشقا يېڭىلدى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كەڭ يايلاقنىڭ بىر چېتى بىپايان قۇملۇق بىلەن تۇتىشىدىكەن. يايلاق بىلەن قۇملۇقنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بىر ئات بىلەن بىر تۆگە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئات تۆگىنىڭ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاستا قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: - كالامپاي تۆگە، بىكاردىن - بىكار شۇنچە ئېگىز بويلۇق بوپسەن! يول يۈرۈشكە كەلگەندە ماڭا ھەرگىز يېتىشەلمىگۈدەكسەن! - دەپ تۆگىنى كۆزگە ئىلماپتۇ. تۆگە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ - دە، ئاتنىڭ ھاكاۋۇر قىياپىتىنى كۆرۈپ: - ئۇنداق دېمىگىن، سېنىڭ مەندىن تېز يۈگۈرۈشۈڭ ناتايىن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: ھىم، مېنىڭ كۈندۈزى 1000 چاقىرىم، كېچىسى 800 چاقىرىم يول باسالايدىغان ئۇچقۇر پۇتلىرى بار تۇرسا، بىر قەدەمدە ئۈچ قېتىم ئىرغاڭلايدىغان سەندەك كالامپاي تۆگىگە يېتشەلمەيمەنمۇ دەپ ئويلاپتۇ - دە: نېمە؟ قايىل بولمىساڭ ئىككىمىز سىنىشىپ باقايلى! - دەپتۇ. تۆگە قۇملۇققا قاراپ تۇرۇپ ئاتقا: - ماقۇل، بىز مۇشۇ يەردىن باشلاپ يۈگۈرەيلى، چۈشكىچە يۈگۈرىمىز. قېنى كىم تېز يۈگۈرىدۇ - دەپتۇ. - بولىدۇ ئەمىسە، يۈگۈردۇق! - دەپتۇ - دە، ئات تۇياقلىرىنى تاراقلاتقىنىچە ئالغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. تۆگىمۇ ئوتتۇراھال قەدەم تاشلاپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ، بىراق بىردەمدىلا ئاتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەي قاپتۇ. تۆگە بوشاشماستىن داۋاملىق قوغلاپتۇ. يايلاق تۈگەپ قۇملۇققا يېتىپ كەلگەندە، ئاتنىڭ يەنە يۈگۈرگۈدەك ھالى قالماپتۇ، چۈنكى، قۇم بەك يۇمشاق بولغاچقا، ئاتنىڭ قاتتىق تۇياقلىرى كۈچىيەلمەپتۇ! ئاخىر ئات پۇتىنى تەسلىكتە سۆرەپ مېڭىشقا مەجبۇر بوپتۇ. تۆگە بولسا، قۇملۇققا يېتىپ كەلگەن ھامان، تاپانلىرى يۇمشاق ھەم كۈچلۈك بولغاچقا، بارغانچە تېز يۈگۈرۈشكە باشلاپتۇ! ئۇ تېزلىك بىلەن ئاتقا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا: - غەيرەت قىل، چۈش بولاي دەپ قالدى! - دەپ مەدەت بېرىپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا ئات كۈچىدىن كېتىپ، ئۆلگۈدەك ئېچىرقاپ كەتكەنىكەن، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا قوغۇشۇن قۇيۇپ قويغاندەك ھەر قانچە قىلسىمۇ پۇتلىرىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. ئۇ مېڭىپ - مېڭىپ ئاخىر >گۈپ< قىلىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. تۆگە ئارقىغا قاراپ ئاتنىڭ يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، دەرھال قايتىپ كېلىپ: - ئات ئۇكام، ساڭا نېمە بولدى؟ - دەپتۇ. ئات ھالسىراپ ناھايىتى تەسلىكتە: - مەن يېڭىلگەنلىكىمگە تەن بەردىم، ياردەم قىلىپ مېنى يايلاققا ئاپىرىپ قويساڭ، - دەپتۇ ۋە كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكۈپتۇ. تۆگە ئاتنى ئۈستىگە يۈدۈپ يايلاققا ئەكىلىپتۇ. ئات سۇ ئىچىپ، ئوت يېگەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ماغدۇرىغا كەپتۇ. - تۆگە ئاكا، ھەممە سەۋەنلىك مېنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنىڭ ئازلىقى، بەك ھاكاۋۇرلۇقۇمدىن بولدى، شۇڭا مەن بۇنداق چوڭ زىيان تارتتىم، ھەتتا جېنىمدىن ئايرىلىپ قالغىلىمۇ تاس قالدىم! بۇنىڭدىن كېيىن، مەن كەمتەر، سالماق بولۇپ، ھەرگىز ھاكاۋۇرلۇق قىلمايمەن، - دەپتۇ ئۇ. تۆگە بېشىنى لىڭشىتىپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: - توغرا، ھەر قانداق كىشىنىڭ ماھارىتى چەكلىك بولىدۇ، ھېچكىم ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقى لازىم، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال