تۈلكە بىلەن مۈشۈك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
تۈلكە داۋاملىق ئەتراپتا ياشاۋاتقان ھايۋانلارنى ئالداپ بوزەك قىلىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇلار تۈلكىنىڭ زۇلمىغا چىدىيالماي، ئۇنى يوقىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۈشۈك تۈلكىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قۇدۇق چىغرىقىغا ئورنىتىلغان چېلەكنىڭ ئىچىگە مۆكۈنىۋاپتۇ. مۈشۈك ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ تەسىرىدىن چېلەك بىلەن بىللە قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. چىغرىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئايلىنىپ توختىغانلىقىنى كۆرگەن تۈكە نېمە ئەھۋال بولغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ، قۇدۇقنىڭ يېنغا كەپتۇ ۋە قۇدۇق ئىچىدىكى مۈشۈكنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
- بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ چاغدا، مۈشۈك قۇدۇقتىن قانداق چىقىپ كېتىشنىڭ ئامالىنى ئويلاۋاتقانىكەن. ئۇ تۈلكىگە:
- بېلىق تۇتۇۋاتىمەن، بۇ يەردە بېلىق ناھايىتى كۆپ ئىكەن، سەنمۇ بىر ئاز تۇتۇپ ئالغاچ كەتمەمسەن، - دەپتۇ.
- كىرىشتە قانداق كىرىمەن؟
- ئەي، بۇ ناھايىتى ئاسان، ئېسىلىپ تۇرغان چېلەكنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرساڭ، ئۇ سېنى بىردەمدىلا مەن تۇرغان بۇ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
تۈلكە مۈشۈكنىڭ مەسلىھىتىگە كۆنۈپ چېلەكنىڭ ئىچىگە چۈشۈپتۇ. مۈشۈك ئولتۇرغان چېلەك ئاستا - ئاستا يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، تۈلكە ئولتۇرغان چېلەك قۇدۇقنىڭ تېگىگە قاراپ تۆۋەن چۈشۈشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا مۈشۈك تۈلكىگە قاراپ كۈلگەن پېتى قولىنى كۆتۈرۈپ:
- تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن، - دەپتۇ - دە، بىر سەكرەپلا قۇدۇقنىڭ سىرتىغا چىقىپتۇ، - ئەپەندىم، خۇش ۋاقىت بۇلۇڭ، بېلىقلاردىن ئۆزىڭىز خالىغانچە كۆپرەك تۇتۇۋالارسىز، - دەپ قويۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ.