كەپتەر بىلەن چۈمۈلە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇنقى زاماندا، >يارلىق< دېگەن يەردە بىر كەپتەر ياشايدىكەن. بۇ كەپتەر ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا دانلايدىكەن، يار ئاستىدىن شىرقىراپ ئېقىپ چىققان بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ يۈرۈيدىكەن.
كەپتەر بىر كۈنى قورسىقىنى تويدۇرۇپ، يارنىڭ بېشىغا چىقىپ تۇرسا، ئۆزىدىن يوغان بىر تال داننى كۆتۈرگەن بىر چۈمۈلە ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. كەپتەر چۈمۈلىگە قاراپ، ئىچىدە: بۇ نېمىدېگەن ئەمگەكچاك جانىۋار - ھە، دەپتۇ. كەپتەر ئەتىسى يەنە بار بېشىدا ئولتۇرۇپ قانات - قۇيرۇقىنى تۈزەۋاتسا، چۈمۈلە يەنە تۈنۈگۈنكىدەك بىر تال داننى كۆتۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. كەپتەر ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغانلىقىنى سوراپ بىلمەكچى بولۇپ، ئارقىسىدىن بارسا، چۈمۈلە ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ كۈنى چۈمۈلە بىلەن كۆرۈشەلمەي ئارماندا قالغان كەپتەر ئەتىسى يار بېشىغا بالدۇرراق چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆپ ئۆتمەيلا ھېلىقى چۈمۈلە يەنە داننى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. كەپتەر دەرھال ئۆزىنى رۇسلاپ چۈمۈلىنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالام بېرىپتۇ. سالام - سائەتتىن كېيىن، كەپتەر چۈمۈلىدىن:
- سىزگە نېمە يەتمەيدۇ، نېمىشقا تىنىم تاپماي ئەمگەك قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
چۈمۈلە كۆتۈرۈۋالغان داننى يەرگە قويۇپ:
- >ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق< دېگەن گەپ بار، بىز كىچىك جانىۋار تۇرۇپمۇ، ياز بويى مىدىرلاپ دان توشۇپ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان ئۇزۇن قىشنى غەمسىز ئۆتكۈزىمىز. بولمىسا، ئاچ قېلىپ توڭلاپ ئۆلمەيمىزمۇ، - دەپتۇ.
كەپتەر بۇ ئەمگەكچان جانىۋارنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىگە چۈشىنىپ، ئۇنى دوست تۇتقۇسى كەپتۇ - دە:
- ئىككىمىز قىيامەتلىك دوست بولۇپ، بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە بىر - بىرىمىزگە يار - يۆلەك بولساق، - دەپتۇ. چۈمۈلە كەپتەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىپتۇ.
كۈنلەر ئارقىسىدىن كۈنلەر، ئايلار ئارقىسىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ. كەپتەر بىلەن چۈمۈلنىڭ دوستلۇقى كۈندىن - كۈنگە چىڭىپتۇ. ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ ھال - ئەھۋالىنى ۋە ھاجىتىنى سوراپ تۇرۇشىدىغان بوپتۇ.
كەپتەر بىر كۈنى يىراق بىر جايغا بېرىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئوۋچى قويغان تورغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئوۋچى خۇشال بولۇپ، ئالمان - تالمان تورنى يىغىشتۇرۇشقا باشلاپتۇ. كەپتەر توردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلالماپتۇ. شۇ چاغدا، دوستى ئوۋچىنىڭ پۇچقىقىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ، ئاچچىق چېقىشقا باشلاپتۇ. تورنى يىغىشتۇرۇلغان ئوۋچى چۈمۈلىنىڭ چېقىشىغا چىدىيالماي، تورنىڭ يىپىنى قويۇۋېتىپ، ئېچىشقان يېرىنى ھەدەپ تاتىلاشقا باشلاپتۇ. كەپتەر پەيتىنى غەنىيمەت بىلىپ، تورنىڭ يىرتىقىدىن چىقىپ، پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئوۋچى ئارماندا قاپتۇ.
كەپتەر ئەتىسى دوستى چۈمۈلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
- >جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس< دەپتىكەن. سەن تۈنۈگۈن ئۆز جېنىڭنى تىكىپ، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ، سېنىڭدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازىمەن، - دەپ رەھمەت ئېيتىتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە چۈمۈلە ئېرىق بويىغا بېرىپ دان ئىزدەپتۇ. ئۇ ئېرىقنىڭ قىرىنى بويلاپ كېتىۋاتسا، ئېرىققا ئۇلۇغ سۇ كېلىپ، چۈمۈلىنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ. ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەر چۈمۈلىنىڭ كۆپۈك ئۈستىدە لەيلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، پەسكە موللاق ئېتىپ، سۇ ئۈستىگە يېقىنلىشىپتۇ. ئاندىن ئېغىزىدا چىشلەپ كېتىۋاتقان چۆپنى سۇغا تاشلاپتۇ. چۈمۈلە چۆپنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. چۆپ ئېقىپ بىر يەرلەرگە بارغاندا ئېرىقنىڭ يېنىغا سانجىلىپ قاپتۇ. چۈمۈلە چۆپنىڭ ئۈستىدىن مېڭىپ ئېرىقنىڭ قىرىغا - چىقىپتۇ - دە، ئۈستىدە پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن دوستى كەپتەرنى كۆرۈپ:
- جېنىم دوستۇم، ساڭا رەھمەت، مېنى بىر ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، دوستلۇققا يارىدىڭ، سېنىڭ بۇ ياردىمىڭنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇمايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كەپتەر بىلەن چۈمۈلىنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چىڭىپتۇ. باشتا كېلىشكەندەك ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىناق دوست بولۇپ ئۆتۈپتۇ.