تۈلكە بىلەن كومزەك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر ئايال ئورغىقىنى ئېلىپ ئورمىغا بېرىپتۇ. ئۇ سۈت تولدۇرۇلغان كومزىكىنى بۇغداي باغلىرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، بۇغداي ئورۇشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن بىر تۈلكە بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ كومزەككە ئاستاغىنا يېقىنلىشىپ كەپتۇ - دە، بېشىنى كومىزەككە تىقىپ ئۇنىڭدىكى سۈتنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋېلىپ، غىپپىدە تىكىۋەتمەكچى بوپتۇ، لېكىن ئۇ بېشىنى كومزەكتىن چىقىرالماپتۇ. نېمە قىلارىنى بىلمىگەن تۈلكە شۇ پېتى يولغا چىقىپتۇ ۋە بېشىنى ساڭگىلىتىپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ:
- ئەي، كومزەكجان، چاقچىقىڭ يېتەر ئەمدى، مېنى قويۇۋەتكىن، ئۇنداق قىلمىغىن ئامرىقىم، سەن كۆڭلۈڭنى ئاچتىڭ، ئوينىۋالدىڭ.
تۈلكە شۇنچە شېرىن سۆزلەرنى قىلسىمۇ، كومزەك تۈلكىنىڭ بېشىدىن زادىلا چىقماپتۇ، تۈلكىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- سەن چوشقا ئىكەنسەن، زادىلا گەپ ئاڭلىمىدىڭ، سېنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرەۋەتمىگىنىمنى كۆر! - دەپتۇ - دە، دەرياغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ كومزەكنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇپ، بېشىنى سۇغا پاتۇرۇپتۇ، بىراق كومزەك ئەمەس، بەلكى ئۆزى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.