UyghurWiki
UyghurWikiماسالچىراغ بىلەن پەرۋانە

چىراغ بىلەن پەرۋانە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شەيتان دېگەن بىر بەچچىغەر، بىزار ئىكەن چىراغدىن. قوزغىلارمىش غەزىپى، كۆرسە ئۇنى يىراقتىن. مەقسىتىكەن شەيتاننىڭم ئوتنى كۆرسە ئۆچۈرمەك. ھېچ بولمىسا ئورنىدىن، باشقا ياققا كۆچۈرمەك. چاقىرىپتۇ شۇڭلاشقا، پەرۋانىنى ئالدىغا. تاپشۇرۇقنى قايتىدىن، سېلىپ بىر - بىر يادىغا. - دېگەنتىمغۇ بۇرۇنلا: >چىراغ نەدە بىلىپ كەل<. شۇ چىراغنىڭ ئوتىدىن، ماڭا دەرھال ئېلىپ كەل. كۆرمىدىڭمۇ چەتتىكى، ئاپئاق ئايدىڭ ھويلىنى. كۈندۈركىدەك پارقىراپ، رامدىن چۈشكەن شولىنى. چىراغ يورۇپ تۇراتتى، جىمجىت ئۆينىڭ ئىچىدە. سانسىز چولپان - يۇلتۇزلار، چاقناپ تۇرغان كېچىدە. دەل شۇ چاغدا تالادىن، ئۇچۇپ كەلدى پەرۋانە. ئايلاندى ئۇ چىراغنى، بولۇپ خېلى ئاۋارە. دېدى ئاخىر چىراغقا: مەن ئوتۇڭدىن ئالىمەن. گەر بەرمىسەڭ ئوتۇڭنى، تۇمشۇقۇڭغا سالىمەن. دەپتۇ چىراغ: - نېرى كەت! جاندىن تويغان ھاماقەت. نىيىتىڭدىن يانمىساڭ، كۈتەر سېنى ھالاكەت. - خوجايىنغا ۋاپادار، بولۇشۇمدا مەسلەك بار. ئوتنى سەندىن ئېلىشقا، مەندە ئالىي دەستەك بار. ئورۇنداشقا دەستەكنى، تىكىپ قويدۇم جېنىمنى. ئېلىشىشقا سەن بىلەن، چىڭ باغلىدىم بېلىمنى. چىراغ دېدى غەزەپتە: - كەل بولمىسا چېلىشقا. خوجايىنىڭ بۇيرۇغان، ئوتنى مەندىن ئېلىشقا. تىڭشىمىغاچ چىراغنىڭ، نەسىھەت ۋە سۆزىنى: شۇ پەرۋانە پىرقىراپ، ئۇردى ئۇڭا ئۆزىنى. ئۈلگۈرەلمەي جېنىنى، چەتكە ئېلىپ قاچقۇچە. يەرگە چۈشتى كۈل بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە.
← بارلىق تېمىلار ماسال