UyghurWiki
UyghurWikiماسالمايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى

مايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى مايمۇن بىر قىڭراق تېپىۋاپتۇ، ئەمما بۇ قىڭراق ناھايىتى گال بولۇپ، بىرەر تال كىچىك ياغاچنىمۇ كېسەلمەيدىكەن. ئۇ ئوتۇنچىنىڭ قېشىغا بېرىپ: - سەن قىڭرىقىڭنى قانداق ئىتتىكلىتىسەن؟ بۇنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ، - دەپ تەلەپ قىپتۇ. - ئۇنى تاشقا سۈركەپ ئىتتىكلىتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوتۇنچى. - سۈركسىلا ئىتتىك بولامدۇ؟ - ھەئە. مايمۇن خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، قىڭراقنىڭ بىسىنى تاشقا سۈركەپتۇ. تولا سۈركەۋەرگەنلىكتىن، بىسى كەينىگە يېنىپ ئارقىسى بىلەن ئوخشاش قېلىن بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قىڭراقنى ئېلىپ ئوتۇن كەسكىلى بارغانىكەن، ئەمدى يغاچقا پەقەتلا ئۆتمەپتۇ. - ۋوي، مەن باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگەنسەممۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدىغۇ، ئەگەر ئوتۇنچىنىڭ ئېيتقىنى خاتالا بولمىسا، مەسىلە چوقۇم قىڭراقتا ئوخشايدۇ، - دەپ خۇلاسە چىقىرىپتۇ مايمۇن.
← بارلىق تېمىلار ماسال
مايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki