لامپۇچكا بىلەن توك سىمى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇرغان لامپۇچكا توك سىمىنى ئەيىبلەپتۇ:
- سەن نېمىدېگەن ھۇرۇن - ھە! سەن ئەتىگەندىن كەچكىچە سوزۇلۇپ يېتىشنىلا بىلىسەن. مەنچۇ! مەن ھېرىش چارچاشتىن قورقماي، بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىپ ئۆينى يورۇتىمەن!
سىم بىلەن لامپۇچكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان پاترون مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ:
- ئەي، ماختانچاق لامپۇچكا، سوزۇلۇپ ياتقان مۇشۇ سىم ساڭا توك يەتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا، سەن نۇر چېچىش ئورنىغا، خۇددى بىر ناسۋال قاپاقتەك ساڭگىلاپ تۇرغان بولاتتىڭ، - دەپتۇ.
بۇ ئورۇنلۇق سۆزلەر ئالدىدا لامپۇچكا ئېغىز ئاچالماي قاپتۇ.