ئەلۋەتتە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر ئادەم بىر جىگدىچۈك بېقىپتۇ. ئۇ خېلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭغا سۆزلەشنى ئۆگىتىپتۇ، ئەمما، جىگدىچۈك بىرلا ئېغىز >ئەلۋەتتە< دېگەن سۆزنىلا ئۆگىنىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتماقچى بوپتۇ.
بىر خېرىدار كېلىپ:
- بۇ جىگدىچۈكنى قانچە پۇلغا ساتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- 100 تەڭگىگە، - دەپتۇ خوجايىن.
- نېمانچە قىممەت؟ - دەپتۇ خاپا بولغان ھالدا خېرىدار.
- بۇ جىگدىچۈك بەكمۇ ئەقىللىق، دەپ ماختىنىپتۇ خوجايىن.
- جىگدىچۈك، سەن راستتىنلا شۇنداق ئەقىللىقمۇ؟ - دەپ خېرىدار جىگدىچۈكتىن سوراپتىكەن، جىگدىچۈك:
- ئەلۋەتتە! - دەپتۇ.
بۇنى كۆرگەن خېرىدار رازىمەنلىك بىلەن بۇ جىگدىچۈكنى سېتىۋاپتۇ، ئەپسۇسكى، ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، جىگدىچۈكتىن قانداقل گەپ سورىسا، ئۇنىڭ پەقەتلا >ئەلۋەتتە< دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنىلا ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، جىگدىچۈككە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ:
- ئەخمەق ئادەملەر سېنى 100 تەڭگىگە سېتىۋالىدۇ، - دەپتۇ.
- ئەلۋەتتە! - دەپ تەستىقلاپتۇ جىگدىچۈك.