UyghurWiki
UyghurWikiماسالچۈمۈلىنىڭ جاۋابى

چۈمۈلىنىڭ جاۋابى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تۇيۇقسىز تەگكەن رېزىنكە پالاق زەربىدىن يېرىم جان بولۇپ قالغان چىۋىن، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرسىمۇ، ھېچقانداق پالاكەتكە ئۇچرىمايۋاتقان چۈمۈلىدىن ئەجەبلىنىپ: - ھەي چۈمۈلە، سەن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرسەڭمۇ ھېچكىم ساڭا چېقىلمايدۇ، لېكىن مەن ئېگىز يەرلەردە ئۈچۈن يۈرسەممۇ بىر ئامال قىلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سورىدى. - مەن تەر تۆكۈپ ياشاشنى بىلىمەن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە كۆز قىرىمنى سالمايمەن، بىراق سەن مېنىڭ ئەكسىمچە ئىش قىلىسەن، سەۋەب دېسەڭ مانا شۇ! - دەپ جاۋاب بەردى چۈمۈلە
← بارلىق تېمىلار ماسال