بۆرە ۋە ئۆكۈزلەر
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ياپيېشىل ئوتلاقتا ئىككى ئۆكۈز ئوتلاۋاتاتتى. بۆرە ئۆكۈزلەرنى كۆرۈپ خۇشال بولدى ۋە پەيتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆكۈزلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۆكۈزلەر بىر - بىرىگە يانمۇيان تۇرۇۋېلىپ، بۆرىنى ئۈسۈپ ئۆزلىرىنى قوغدىدى، بۆرە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۆرۈپ، ئاستا ئارقىغا چېكىندى. ئۇ ئۆكۈزلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى. ئۇ بىر ئۆكۈزگە يېقىنلىشىپ:
- ئەزىزىم، قارىغىنا، ئاۋۇ گۈزەل ئوتلاقنى ساڭا بېرىۋېتەي، ئۇ يەردىكى يۇمران ئوتلارنى ئۆزۈڭ يالغۇز خالىغىنىڭچە يە، قوڭۇر ئۆكۈزدىن ئايرىل، - دېدى.
ئەقىلسىز ئۆكۈز بۆرىنىڭ بۇ ھىيلىسىگە ئالداندى - دە، ياخشى دوستىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۆرە ئۆكۈزلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتتى ۋە ئۇلارنى بىر - بىرلەپ يېدى.