UyghurWiki
UyghurWikiماسالھاكاۋۇر ھۆپۈپ

ھاكاۋۇر ھۆپۈپ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھۆپۈپ رەڭدار قاناتلىرىنى كېرىپ، تاغدىن - باغقا ئۇچۇپ، ئۆزىنى باشقا قۇشلاردىن چوڭ تۇتۇپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىكەن. بىر كۈنى، ئۇ قارلىغاچقا ئۆزىنى ماختاپ: - قارىغىنا قارلىغاچ، مېنىڭ تۇمشۇق ۋە تاجىلىرىم نېمىدېگەن كېلىشكەن. رەڭدار چاپىنىم نېمىدېگەن گۈزەل - ھە! - دەپتۇ. بۇ گەپنىڭ ئۈستىگە سېغىزخان مەيدىسىنى تۇتۇپ شۇنداق قاقاقلاپ كۈلۈپتۇكى، ئۇنىڭ پەيلىرى لىكىلداپ، قۇيرۇقلىرى لەپەڭشىپ كېتىپتۇ. ھۆپۈپ تاجىسىنى دىڭگايتىپ: - نېمىگە كۈلىسەن! ھېچقايسىڭ مەندەك چىرايلىق ئەمەس، يوغان گەپ قىلىشما! - دەپ چالۋاقاپتۇ. - چىرايلىقلىقىڭمۇ چاغلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ سېنىڭ، - دەپتۇ سېغىزخان، - قارلىغاچقنى ئالساق، ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۆي - پېشايۋانلىرىدا ئۇۋا ياساپ، كىشىلەرگە يېقىملىق سايراپ بېرىدۇ. سېنىڭ نېمە ماھارىتىڭ بار، ئېيتقىنا قېنى؟ - ماھارەت ئۆگەنمەك تەس ئەمەسقۇ، - دەپ كۆرەڭلەپتۇ ھۆپۈپ. بۇ مۇنازىرىنى ئاڭلىغان باشقا قۇشلارمۇ ھۆپۈپنى مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ. ھۆپۈپ ھېچ تەن بەرمەپتۇ. ھۆپۈپ ئەڭ قالتىس ماھارەتنى ئۆگىنىپ بارلىق قۇشلارنى ھەيران قالدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ھۆپۈپ بىر كۈنى قارىغاينىڭ ئۇچىغا قونۇپ: مەن ھازىر ھەممىدىن ئېگىزدە تۇرۇۋاتىمەنغۇ دەپ ئويلاپ، قارىغۇدەك بولسا، بىر بۈركۈت ئاسمانغا تاقاشقان تاغ چوققىسىنى ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرگۈدەك. - پاھ! مەندىنمۇ ئېگىز ئۇچالايدىغان قۇش بار ئىكەن - ھە! - دەپتۇ ھۆپۈپ ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەپ، - مەن بۈركۈتتىنمۇ ئېگىز ئۇچۇپ قۇشلار دۇنياسىدا داڭق چىقىرىشىم لازىم! - لېكىن ھۆپۈپ ھەر قانچە قىلىپمۇ، بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچالماپتۇ. بىر قېتىم بۈركۈت قارىغاي شېخىغا قونۇپتۇ. ھۆپۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: - بۈركۈت تاغا، ماڭا ھەممە قۇشلاردىن ئېگىز ئۇچۇشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دەپتۇ. - ماقۇل، - دەپتۇ بۈركۈت، - سەندە قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان جاسارەت بارمۇ؟ - چاتاق يوق! - دەپتۇ ھۆپۈپ. - ئۇنداق بولسا كەل، مەن ساڭا ئېگىز ئۇچۇشنى ئۆگىتىپ قوياي، - دەپتۇ بۈركۈت. بۈركۈت ئېگىز ئۇچۇپ تاغ چوققىسىدىن ھالقىغاندا، ئاپئاق پاختىدەك بۇلۇتلار پەستە قاپتۇ. ھۆپۈپنىڭ دېمى سىقىلىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ يىغلاپ تاشلاپتۇ. بۈركۈت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: - يىغلىما ھۆپۈپجان، بۇنداق يىغلاڭغۇلۇق قىلساڭ ھېچ نەرسە ئۆگىنەلمەيسەن، - دەپتۇ ۋە ھۆپۈپنى كۆتۈرۈپ بىپايان زېمىننى ئايلىنىپتۇ. ھۆپۈپ پەقەت بىر كۈنلا ئۆگىنىپ، بولالماي قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە بۈركۈت چاقىرغىلى كەلگەندە، ھۆپۈپ دەرەخنىڭ كاۋىكىغا كىرىۋېلىپ تىمتاس يېتىۋاپتۇ. بۈركۈت بىر ھازا ئاختۇرۇپ ھۆپۈپنى تاپالماي كېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ھۆپۈپ بۇلبۇلنىڭ چاڭىلداپ سايرىشىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. شۇ ھامان ئۇ رەھمەتلىك ئانىسىنىڭ: >دۇنيادىكى بارلىق قۇشلار ئىچىدە بۇلبۇل بەكمۇ يېقىملىق سايرايدۇ< دېگىنىنى ئەسلەپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ئەڭ ياخشى ماھارەت بۇلبۇلدەك سايراشنى ئۆگىنىش ئىكەن، دەپ ئويلاپ، بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. - بۇلبۇل ھەدە، ماڭا سايراشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دەپتۇ ئۇ يالۋۇرۇپ. - ھەر قۇش ئۆز تىلىدا سايرىسا ياخشى بولاتتىغۇ ھۆپۈپجان، ئەگەر جەزمەن ئۆگىنىشكە بەل باغلىغان بولساڭ، ئۆگىتىپ قويساممۇ مەيلى، - دەپتۇ بۇلبۇل. ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ ھۆپۈپ بۇلبۇلدەك يېقىملىق سايراشنى ئازراقمۇ ئۆگىنەلمەي زېرىكىپتۇ، زېرىككەنسېرى تېرىكىپتۇ، لېكىن بۇلبۇل ماھارەتنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويۇش ۋەدىسىدىن يانماپتۇ. ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە بۇلبۇلنىڭ چاڭىلداپ سايرىشىنى ئاڭلاۋېتىپ ھۆپۈپنىڭ ئۇيقۇسى قىستاپتۇ - دە >پۇررىدە< ئۇچۇپ بېرىپ دەرەخنىڭ كاۋىكىغا كىرىۋاپتۇ. بۇلبۇل ئىزدەپ كېلىپ ھۆپۈپنى ھەر قانچە چاقىرسىمۇ ئۇ تۈگۈلۈپ يېتىۋاپتۇ. ھۆپۈپ بىر تەرەپتىن، بۇلبۇل بىلەن بۈركۈتنىڭ ماھارەت ئۆگىتىمىز دەپ چاقىرىپ كېلىپ قېلىشىدىن قېچىپ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا قۇشلارنىڭ ئۇنى ئىقتىدارسىز دەپ مازاق قىلىشىدىن، قورقۇپ كامادا يېتىۋېرىپ، سېسىق پۇرايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال