UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۇغا بەدىنىدىكى چىپار گۈل

بۇغا بەدىنىدىكى چىپار گۈل

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇندا، بۇغىنىڭ تېنى ئېشەككە ئوخشاش گۈل - چىپارسىز ئىكەن. بىر كۈنى، ئېشەك بۇغىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: >ئىككىمىز تاققا چىقىشتا مۇسابىقىلىشىپ باقساق< دەپ تۇرۇۋاپتۇ. نەتىجىدە، بۇغا ئېشەكنى يېڭىپ قويۇپتۇ. ئېشەك ئانچە تەن بەرمەي: >بۈگۈن پۇتۇمغا قاپارتقۇ چىقىپ قالغانلىقتىن، ساڭا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە كېلىپ سەن بىلەن مۇسابىقىلىشىمەن< دەپتۇ ۋە بۇغىنىڭ ئۇتقانلىقىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چېكىت ئۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇغا قىلچە مەغرۇرلانماي ھەر كۈنى تاغقا چىقىشنى مەشق قىلىۋېرىپتۇ. ئېشەك بولسا، يەنىلا ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئۇخلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېشەك يەنە ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ يەنە بۇغىنىڭ دۈمبىسىگە بىر چېكىت بەلگە قويۇپ تۇرۇپ: >بوپتۇ، بۇ دورەممۇ سەن ئۇتقان بول. بۈگۈن كۆزۈمگە توپا كىرىپ كېتىپ يولنى ئوچۇق كۆرەلمەي قالدىم. بىز يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلەشمىسەك ھېساب ئەمەس، دەپتۇ. بۇغا باش لىڭشىتىپ ماقۇل بوپتۇ. بۇغا چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئېشەك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋېرىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە، بۇغا يەنە ئۇتۇپتۇ، ئېشەك ئۇتتۇرۇپتۇ. ئېشەك يەنە قايىل بولمىغان ھالدا بۇغىنىڭ دۈمبىسىگە يەنە بىر چېكىت ئۇرۇپ: >بوپتۇ، بۇ دورەممۇ سېنى ئۇتتى دەپ خاتىرىلەپ قوياي. بۈگۈن ئىچىم سۈرۈپ ماغدۇرۇم قالمىغانلىقتىن، ساڭا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم. ئالدىمىزدا يەنە بىر قېتىم مۇسابىقە ئۆتكۈزەيلى< دەپتۇ. مۇشۇ تەرىقىدە مۇسابىقە كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋېرىپتۇ، ئېشەك مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەپتۇ ھەم تۈزۈك مەشق قىلماپتۇ. بۇغا ئاق كۆڭۈل بولغاچقا، قانائەتلەنمەي مەشق قىلىۋېرىپ، ماھارىتىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپتۇ. مۇسابىقىدە ئۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە دۈمبىسىدىكى گۈل - چىپارمۇ كۆپىيىۋېرىپتۇ. بۇغا چوڭايغاندا، بېشىدىكى مۈڭگۈزى شاخلاپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال