نەشپۈتنى تېتىپ بېقىش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر توپ ھايۋان نەشپۈت دەرىخى تۈۋىدە ئويناۋاتقانىكەن، بىردىنلا چىققان شامالنىڭ تەسىرىدە سارغىيىپ پىشقان يوغانلا بىر نەشپۈت پوككىدە يەرگە چۈشۈپتۇ.
- بۇ قانداق نېمىدۇ، يېگىلى بولامدىغاندۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۆچكە ھەيرانلىق بىلەن.
- مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، - دەپ باش چايقاپتۇ بۇغىچاق.
- ئاۋۋال مەن بىر يەپ باقاي، - دەپ ئالدىغا چىقىپتۇ تۈلكىباي ۋە تاقلاپ بېرىپ نەشپۈتنى ئاپتۇ - دە، >كوس< قىلىپ ئازراق چىشلەپتۇ. ئۇ گۇچۇر - گۇچۇر چايىغاندىن كېيىن، شۇ ھامان قولىدىكى نەشپۈتنى تاشلاپ:
- تۈفى! نېمانچە قېرىق ھەم بەتتەم! بۇ نېمىنى يېگىلى بولمايدىكەن، - دەپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن كۆپچىلىك يىراققا كېتىپ قاپتۇ، تۈلكىباي بولسا خۇپىيانە ھالدا ھېلىقى نەشپۈت دەرىخىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۆزى چىشلەپ تاشلىۋەتكەن نەشپۈتنى قولىغا ئېلىپ راسا ھۇزۇرلىنىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ. يەپ بولۇپ، كۆزىنى شاختا ساڭگىلىتىپ تۇرغان نەشپۈتلەرگە تىكىپ ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن، ئارمان بىلەن كېتىپ قاپتۇ.
دېمەك، ساختىپەز ئادەم ھەر قانداق كىچىك ئىشلاردىمۇ ساختىپەزلىكنى قىلماي قالمايدۇ.