UyghurWiki
UyghurWikiماسالگۈللەرنىڭ مۇنازىرىسى

گۈللەرنىڭ مۇنازىرىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دېرىزىگە قويۇلغان سۇلياۋ گۈل كۆرەڭلىگەن ھالدا بېشىنى سوزۇپ تالادىكى ئەتىرگۈلگە: - ئەي گۈل، چىرايلىرىڭ نېمانچە سەتلىشىپ كەتتى؟ تاجىلىرىڭ چۇۋۇلۇپ تۈگۈشۈپلا كېتىپسەنغۇ. ئىسىت ساڭا، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش دېرىزىدە تۇرغان بولساڭ، چىرايىڭ ئۇنچىۋالا سەتلشىپ كەتمەس ئىدى، - دېدى. - شۇنداق، سۇلياۋ گۈل، مەن ساڭا ئوخشاش سۆلەتۋازلىق قىلىپ ياشاشنى خالىمايمەن. قۇرۇپ تۈگىسەممۇ كىشىلەرگە بىر ئاز مەنپەئەت بېرەلىسەملا بولدى. - نېمە؟ سەن كىشىلەرگە قانچىلىك مەنپەئەت بېرەلەيسەن؟ سۇلياۋ گۈلنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەيلا، قاياقتىندۇر بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى كېلىپ ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىگە قوندى ۋە ئۇنىڭدىن ھەسەل شىرنىسى سۈمۈرۈشكە باشلىدى، ئەمما ئۇ ھەرىلەر سۇلياۋ گۈلگە قاراپمۇ قويمىدى. بۇنى كۆرگەن سۇلياۋ گۈل لام - جىم دېيەلمەي قېتىپلا قالدى.
← بارلىق تېمىلار ماسال