ئورۇندۇق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
مايمۇن بىر كۈنى ئورۇندۇق ياساشنى ئۆگەنمەكچى بوپتۇ. مىڭبىر جاپادا ئورۇندۇقنى ياساپ چىقىپتۇيۇ، لېكىن ئىككى پۇتىنى خاتا ئورنىتىپ قويۇپتۇ، ياسىغان ئورۇندۇقنىڭ قانداقراق بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغاندا تۈلكە يېتىپ كەپتۇ. مايمۇن ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن تۈلكىدىن:
- تۈلكە ئاكا، مەن ياسىغان ئورۇندۇق قانداقراق بوپتۇ، خاتا جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، تۈزىتىۋالسام، - دەپ سوراپتۇ.
- كارامەت ياخشى بوپتۇ، - دەپ ماختاپ كېتىپتۇ تۈلكە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي، - بەك چىرايلىق ياسىلىپتۇ.
تۈلكە سۆزىنى تۈگىتىپ كېتىپ قاپتۇ ۋە بىر ھازادىن كېيىن ئېيىق، ئۆچكە ۋە توشقانلارنى باشلاپ كېلىپ، مايمۇننى ياسىغان ئورۇندۇقىغا ئولتۇرپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ، مايمۇن خۇشاللىقىدا ئالدىراپ - سالدىراپ بېرىپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئورۇندۇق ئۆرۈلۈپ كېتىپ، مايمۇن ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كۆپچىلىكنىڭ كۈلكىسىگە قاپتۇ. تۈلكە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ مازاق قىلغان ھالدا:
- مۇشۇنداقمۇ ئورۇندۇق ياساش بولامدۇ؟ ئەي كالۋا! ئەكەل پالتىنى، تۈلكە ئاكاڭنىڭ ياسىغىنىنى كۆر، - دەپ سۆزلىگىنىچە، پالتىنى قولىغا ئېلىپ خاتا ئورنىتىلغان ئورۇندۇق پۇتىنى تۈزەپ قويۇپلا، ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇۋاپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۈنەردە ناھايىتى قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆز كۆز قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مايمۇن بىر چەتتە تۇرۇپ ئۆز - ئۆزىگە: بۇ كاساپەت تۈلكە، باياتىن بېرى ئورۇندۇقنىڭ پۇتىنىڭ خاتا ئورنىتىلىپ قالغانلىقىنى بىلىدىكەنۇ، نېمىشقا ماڭا بۇرۇنراق ئەسكەرتمىگەندۇ؟ دەپ ئاغرىنىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن بېرى ئىش قىلغاندا مېڭە ئىشلىتىپ، ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەيدىغان بوپتۇ.