كاككۇك بىلەن چار خوراز
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سەكرەپ - سەكرەپ چار خوراز،
ئېگىز تامنى خىللاپتۇ.
ئاڭلىسۇن دەپ يەر - جاھان،
تاڭ سەھەردە چىللاپتۇ.
چار خورازنىڭ ئاۋازى،
تەگكەچ بەكمۇ جىنغا.
كاككۇك چۆچۈپ ئويغىنىپ،
كەپتۇ ئۇنىڭ يېنىغا.
دەپتۇ كاككۇك خورازغا:
- كىملەرنىدۇر تىللايسەن.
ئېيتقىن، ماڭا سەن زادى،
نە مەقسەتتە چىللايسەن؟
ئاڭلاپ بۇنى چار خوراز،
كېتىپتۇ بەك كېرىلىپ.
پوكانلىرى شۇ تاپتا،
كېتەي دەپتۇ يېرىلىپ.
- مەن چىللىسام، - دەپتۇ ئۇ، -
ئويغىنىدۇ يەر - جاھان.
باتۇرلۇقۇم شۇ چاغدا،
بولار تولۇق نامايان.
دەل شۇ پەيتتە بۇ يەرگە،
كېلىپ قاپتۇ بىر مۈشۈك.
خوراز بولسا قاچارغا،
تاپالماپتۇ ھېچ تۆشۈك.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە،
خوراز يەنە چىللاپتۇ.
ھەيران بولۇپ كاككۇكمۇ،
يەنە سوئال سوراپتۇ.
- مەن بولمىسام ھەممە جاي،
يورۇمايدۇ تاڭ ئېتىپ.
چىللاپ كەلدىم تاڭنى مەن، -
دەپتۇ خوراز ماختىنىپ.
تاسلا قاپتۇ: يەرنى مەن،
پىراقىراتتىم دېگىلى.
قۇياشنىمۇ شەرقتىن،
چىقىرىمەن، دېگىلى.
كاككۇك ئاڭا ئىشەنمەي،
بەسلىشىپتۇ ئەتىگە.
چىللىماستا چار خوراز،
كەلمەك بوپتۇ پەتىگە.
ئەتىسى ئۇ چىللىماي،
جىم يېتىپتۇ ئويلىنىپ.
ئۆزلۈكىدىن ھايۋانلار،
تۇرۇشۇپتۇ ئويغىنىپ.
يۇلتۇزلارمۇ كېتىپتۇ،
تاڭمۇ ئوخشاش ئېتىپتۇ.
كۆرۈپ بۇنى چار خوراز،
غەم - قايغۇغا پېتىپتۇ.
دەپتۇ كاككۇك شۇندىلا،
نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭغا:
- ئويغاتقىنىڭ راست مېنى،
لېكىن ھەرگىز ماختانما.
ئۆزىگە بەك ئاياندۇر؛
ھەر كىشىنىڭ تۆھپىسى.
مېنىڭ دېسە باشقىلار،
كەلمەس كىمنىڭ كۈلكىسى!؟