ئېشەك بىلەن بۆرە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى، بىر ئېشەك يايلاقتا ئوتلاۋېتىپ، بىر بۆرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، يالغاندىن توكۇر بولۇۋاپتۇ. بۆرە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئېشەكنى يېمەكچى بولغاندا، ئېشەك ئۇنىڭغا:
- ھۆرمەتلىك بۆرە ئەپەندى، مېنىڭ پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتتى، ئەگەر ئۇنى چىقىرىۋەتمەي، مېنى يەيدىغان بولسىلا، گاللىرىغا تۈرۈپ قالىدۇ، - دەپتۇ. بۆرە بۇ گەپنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىپتۇ - دە:
- تىكەننى قانداق چىقىرىۋېتىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئېشەك كەينى پۇتىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ:
- تىكەن پۇتۇمنىڭ قەيىرىگە سانجىلدىكىن، قاراپ باقسىلا. ئاۋۋال تىكەننى چىشلىرى بىلەن چىشلەپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن مېنى يېسىلە بولىدۇ، - دەپتۇ.
بۆرە ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئېشەكنىڭ پۇتىغا يېقىن بېرىپ قارىشىغا، ئېشەك بۆرىنىڭ ئاغزىغا زەردە بىلەن شۇنداق كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىپتۇكى، بۆرىنىڭ چىشلىرى قالماي تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە قاتتىق چىرقىرىغان پېتى بەدەر تىكىۋېتىپتۇ.