UyghurWiki
UyghurWikiماسالتىيىن بىلەن بۆرە

تىيىن بىلەن بۆرە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى يېشىل ئورمانلىقتا بىر تىيىن دەرەخ ئۈستىدە شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاۋاتقان بۆرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۆرە ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ تىيىنغا خىرىس قىپتۇ - دە، ئۇنى يېۋەتمەكچى بوپتۇ. - مېنى قويۇۋەتكىن، - دەپتۇ تىيىن بۆرىگە يالۋۇرۇپ. - ماقۇل، مەن سېنى قويۇۋېتەي، - دەپتۇ بۆرە، - ئەمما سەن ماڭا نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ خۇشال - خۇرام يۈرۈيدىغانلىقىڭنى، مېنىڭ ھەمىشە ھەسرەت چېكىپ يۈرۈيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەر. - سەن ئاۋۋال مېنى قويۇۋەت، مەن دەرەخكە چىقىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۇنداق بولمىغاندا، مەن سەندىن قورقىدىكەنمەن، - دەپتۇ تىيىن. بۆرە تىيىننى قويۇۋېتىتپۇ. تىيىن دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، بۆرىگە: - سېنىڭ ھەسرەت چېكىپ يۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنىڭ ياۋۇز ھەم ئىچىڭنىڭ زەھەر بولغانلىقىدىن؛ بىزنىڭ خۇشال - خۇرام ياشىشىمىز بولسا، ئاق كۆڭۈللىكىمىز، باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلمايدىغانلىقىمىزدىن، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال