UyghurWiki
UyghurWikiماسالچىۋىننىڭ ئاقىۋىتى

چىۋىننىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر چىۋىن ئۆي ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، شىرە ئۈستىدە تۇرغان بىر پىيالە ھەسەلگە كۆزى چۈشۈپتۇ. چىۋىن تېزلىكتە گىژىلداپ كېلىپ پىيالىگە قونۇپتۇ - دە، ھەسەلنى شوراشقا باشلاپتۇ. ئۇ بىر قېتىم شوراپ ھۇزۇرلىنىۋېلىپ، قانىتىنى بىر سىلكىگەنىكەن، نېپىز قانىتى ھەسەلگە چاپلىشىپ قاپتۇ، چىۋىن ھەر قانچە قىلىپمۇ قانىتىنى ئاجرىتالماپتۇ. بۇنى كۆرگەن تورۇستىكى بىر ئۆمۈچۈك قاقاقلاپ كۈلۈپ: - چىۋىن بۇرادەر، ئۆز ئەمگىكى بىلەن تاپمىغان نەرسە كىشىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. قارا، سەن نە ھالغا چۈشۈپ قالغانسەن! - دەپتۇ. چىۋىن ئۆمۈچۈكنىڭ بۇ سۆزىدىن غەزەپلىنىپ، تازا بىر سىلكىنگەنىكەن، ئاقىۋەت پۈتۈن تېنى ھەسەلگە مىلىنىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال