UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاق نېلۇپەر گۈلى

ئاق نېلۇپەر گۈلى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تسنا دەرياسىنىڭ ئەگرى - بۈگرى ئېقىنى رومبادىيىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىكەن. دەريانىڭ ياپيېشىل قىرغىقىدا ئاجايىپ گۈزەل بىر تۈپ ئاق نېلۇپەر گۈلى ئۆسىدىكەن. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق گۈل - گىياھلار ئۇنىڭغا ئېگىلگىنىچە تەزىم قىلىشىپ تۇرىدىكەن، ئىلاجىنىڭ بارىچە ئاق نېلۇپەر گۈلىنىڭ گۈزەل ھۆسىن - جامالىنى ئۆزلىرىنىڭ سايىسى بىلەن توسۇۋالماسلىققا تىرىشىدىكەن، ئەمما بۇ زىلۋا ئاق نېلۇپەر گۈلى غۇرغۇر شامالدا لەرزان ئىرغاڭشىغىنىچە ئۆزىنىڭ سۇدىكى سايىسىگە ھارماي قارايدىكەن. دەريا دولقۇنى ئاق نېلۇپەرنىڭ بۇنداق جەزىبىلىك قامىتىگە مەھلىيا بوپتۇ - دە، ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالماقچى بوپتۇ. دەريا دەرھاللا قاتتىق مەۋج ئورۇپ، ھاياجان بىلەن دولقۇنلاشقا باشلاپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تاقەتسىز ئارزۇسى بويىچە بارغانچە كۈچىيىپ، ئاق نېلۇپەرگە ئۆز بۇژغۇنلىرىنى چاچرىتىشقا باشلاپتۇ، ئەمما ئاق نېلۇپەر گۈلى ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي، ئۆز زىبالىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ تۇرۇۋېرىپتۇ. دولقۇن قىرغاققا شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپتۇ. قىرغاق ئاخىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. لاي - توپىلار قاينامغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ تۇرغان ھېلىقى ئاق نېلۇپەر گۈلىنىمۇ سۆرەپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال