UyghurWiki
UyghurWikiماسالتىمساھنىڭ كۆز يېشى

تىمساھنىڭ كۆز يېشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تىمساھ كىچىك جانىۋارلارنى يېۋالغان چېغىدا ھامان كۆزىدىن ياش ئاقاتتى. بىر كۈنى بالا تىمساھ: - ئانا، بىز كىچىك جانىۋارلارنى يېگەندە نېمە ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى. - ئەخمەق بالام، - دېدى ئانا تىمساھ، - بۇ بىزنىڭ كۆز يېشىمىز ئەمەس، بىز نەرسە - كېرەك يېگەندە، بەدىنىمىزدە ھاسىل بولغان ئارتۇقچە سۇيۇقلۇقنى كۆز ئەتراپىمىزغا جايلاشقان بەزلەر ئارقىلىق چىقىرىۋېتىمىز. باشقىلار بۇنى كۆرۈپ بىزنى يىغلىدى، دەيدۇ. - بەزىلەر بىزنى: >ئۇلار كىچىك جانىۋارلارنى يېۋالغاندا، باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ كۆز يېشى قىلىدۇ، ئۇلار يولۋاس، شىرلارغا ئوخشاش ۋەھشىي ئەمەس< - دەيدىكەن. - ئەمەلىيەتتە، تۈپتىن ئۇنداق ئەمەس ئىكەن - دە - دېدى بالا تىمساھ. - بۇ ناھايىتى ياخشى، كىشىلەر دائىم مۇشۇنداق ئوقۇشماسلىقتا كەتسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئىناۋىتىمىز يولۋاس، شىرلارنىڭكىدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ، - دېدى ئانا تىمساھ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
تىمساھنىڭ كۆز يېشى | UyghurWiki | UyghurWiki