UyghurWiki
UyghurWikiماسالقۇشقاچ بىلەن تامغا

قۇشقاچ بىلەن تامغا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇن قۇشقاچ بىلەن تۈلكە ئىناق قوشنىلاردىن ئىكەن، بىراق ھىيلىگەر تۈلكە بىر ئامال قىلىپ قۇشقاچنى بوزەك ئېتىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىكەن. - دوستۇم، بىز بىرلىكتە بۇغداي تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى تەڭ بۆلۈشەيلى، - دەپتۇ تۈلكە بىر كۈنى قۇشقاچقا، قۇشقاچ ماقۇل بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېتىزلىققا بېرىپ بۇغداي تېرىشقا باشلاپتۇ. ئىشقا چىدىمىغان ھۇرۇن تۈلكە قۇشقاچقا: - سەن ئىشلەپ تۇرغىن، مەن بېرىپ ئاسماننى ئالقىنىم بىلەن تىرەپ تۇراي، بولمىسا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بۇغدىيىمىزنى مىجخۋېتىدۇ، - دەپتۇ. قۇشقاچ بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بوپتۇ. ئالدامچى تۈلكە تاكى بۇغداي تېرىلىپ بولغۇچە شۇنداق قىپتۇ. يىغىم مەزگىلىمۇ يېتىپ كەپتۇ. - دوستۇم، سەن بۇغداينى ئورغاچ تۇرغىن، مەن بۇلۇتنى ئالقىنىم بىلەن توسۇپ تۇراي، بولمىسا يامغۇر يېغىپ بۇغدىيىمىزنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. قارا، بۇلۇتلار سۈرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ، - دەپ تۈلكە يەنە ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى كۆرسىتىپتۇ. ۋە ئالقىنى بىلەن بۇلۇتنى توسقان بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. قۇشقاچ بولمىسا قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئىشلەپتۇ. خامان تېپىدىغان مەزگىل يېتىپ كەپتۇ. - دوستۇم، سەن ئىشلەپ تۇرغىن، مەن بېرىپ شامالنى ھەيدەپ كېلەي، بولمىسا بۇغدىيىمىزنى ئادالىيالمايمىز، - دەپتۇ تۈلكە يەنە. شۇنداق قىلىپ قۇشقاچ بۇغداينى تېپىپ، سورۇپ - ئادالاپ بولغۇچە تۈلكە سايىدە ئولتۇرۇپتۇ. ئاشلىقنى بۆلۈشىدىغان چاغدا، تۈلكە قۇشقاچقا: - ئاشلىقنى ئون ئۈلۈش قىلايلى، ئۇنىڭ بىر ئۈلۈشىنى سەن ئال، توققۇز ئۈلۈشىنى مەن ئالىمەن، - دەپتۇ ۋە تەقسىمات شۇ بويىچە بوپتۇ. بۇ تەڭسىزلىكتىن قۇشقاچ تولىمۇ خاپا بوپتۇ، ئۇ قايتىپ كېتىۋاتسا بىر ئىت ئۇچراپتۇ. ئۇ قۇشقاچتىن: - سەن خاپا بولغۇدەك نېمە ئىش بولدى؟ سېنى كىم بوزەك قىلدى؟ - دەپ سوراپتۇ. قۇشقاچ بولغان ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى ئىتقا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئىت قۇشقاچنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: - ۋاي - ۋۇي، سەن تازىمۇ ئەخمەق ئىكەنسەن. تۈلكە سېنى ئالداپ كېتىپتۇ، بىراق سەن بەك قايغۇرۇپ كەتمە، بىز ئۇنىڭغا ئىبرەت بولغۇدەك بىر ئىش قىلايلى، - دەپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن قۇشقاچ تۈلكىنىڭ قېشىغابېرېىپ: - تۈلكە، تېز قاچ! بىر غالجىر ئىت سېنى >يەيمەن< دېگىنىچە بۇ يەرگە كېلىۋاتىدۇ. ئاشلىقىڭغا مەن قاراپ تۇراي، - دەپتۇ. تۈلكە ئارقىسىغا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خاماندىكى بۇغداينىڭ ھەممىسى ئىشچان قۇشقاچقا قاپتۇ، ئۇ قىشنى باياشاتچىلىقتا ئۆتكۈزۈپتۇ. تۈلكە بولسا، ئاچلىقتىن قىش بويى پىرقىراپ يۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال