UyghurWiki
UyghurWikiماسالئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق

ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كۈچۈكنى ئانىسى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ، تۇغقان يوقلاشقا كەتكەنىكەن، يالغۇز قالغان كۈچۈك تاسادىپىيلا ئاغرىپ قاپتۇ. كۈچۈكنىڭ دوستلىرى ئايرىم - ئايرىم سوۋغا - سالاملار ئېلىپ يوقلاپ كەپتۇ. مايمۇنچاق قىزىل ئالما ۋە شاپتۇل ئەكەپتۇ. بۇغىچاق مېھرىگىياھ ئەكەپتۇ، ئاسلان كارپ بېلىقى تۇتۇپ كەپتۇ، چۈجە بولسا قۇرت ئەكەپتۇ. كۆپچىلىك ئارقا - ئارقىدىن كۈچۈككە تەسەللى بېرىپ: - سەن بىز ئەكەلگەن بۇ ياخشى تائاملارنى يېسەڭلا، كېسىلىڭ ساقىيىپ كېتىدۇ، - دېيىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. كۈچۈك زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ، دوستلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن كۈچۈكنىڭ دوستلىرى يەنە ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، قىزىل ئالما، شاپتۇل، مېھرىگىياھ، كارپ بېلىقى، قۇرت قاتارلىقلارنىڭ سېسىپ بۇزۇلغانلىقىنى، كۈچۈكنىڭ بولسا كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. - كۈچۈك، سەن بۇ ئەڭ ياخشى تائاملارنى نېمىشقا يېمىدىڭ؟ - دەپ سورىغانىكەن، كۈچۈك ماغدۇرسىز ھالدا: - سىلەرنىڭ كۆيۈمچانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت، لېكىن مەن سۆڭەك غاجىلاشنى ھەممىدىن ياخشى كۆرەتتىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن.
← بارلىق تېمىلار ماسال