UyghurWiki
UyghurWikiماسالماختانچاق كالا

ماختانچاق كالا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كالا ھەمىشە: - مېنىڭ ئەسلىي نەسلىم كالا ئەمەس، ئات! شۇڭا مەن ناھايىتى يۈگۈرۈكمەن، ھەر قانداق يىرتقۇچ ھايۋاننىمۇ ئۆزۈمگە يەتكۈزمەي قېچىپ كېتەلەيمەن، - دەپ ماختىنىپ، باشقا كالىلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن. ھەتتا، دائىم ئاتلار بىلەن بىللە يۈرۈپ، بىللە ئوتلايدىكەن. كالىلار ئۇنىڭغا: - سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلى زاتىڭدىن تانما، كالىنىڭ ئات بولغانلىقىنى قاچان كۆرۈۋېدىڭ؟ - دەپ ھەر قانچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمايدىكەن. قارا بورانلىق قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا دەسسىلىپ يەنجىلگەن ئوت - چۆپ ئۇۋاقلىرىنى يالاپ - يالماپ يۈرگەن كالىغا بىر بۆرە ئېتىلىپ كەپتۇ. ۋەھىمىگە چۈشكەن كالا ئادىتى بويىچە قاتتىق مۆرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۈركۈگەن ئاتلار ھەر تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلاپتۇ. ماختانچاق كالا قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەر قانچە يۈگۈرۈسىمۇ ئاتلارغا يېتىشەلمەي قاپتۇ. بۆرە ئۇنى بىر تار جىلغىغا سولىۋاپتۇ. كالىنىڭ مۆرىشىنى ئاڭلىغان ئەتراپتىكى كالىلار جىلغىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بۆرىگە يەم بولغىلى ئاز قالغانىكەن. كالىلار تۇشمۇتۇشتىن كېلىپ ئۇنى بۆرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالغان ماختانچاق كالا، ئۆز قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كالىلار ئالدىدا تەكەببۇرلۇق قىلماي، ئۇلار بىلەن بىللە ھايات كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ماختانچاق كالا | UyghurWiki | UyghurWiki