تۈلكە بىلەن بۆدۈنە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كۈننىڭ ئالتۇن نۇرلىرىغا
چۆمۈپ جاھان.
باھار كېلىپ خۇش پۇراققا
تولدى ئورمان.
قانات قېقىپ بۆدۈنىخان
ئۇسسۇل ئويناپ؛
شوخ كۈي بىلەن سايراپ كەتتى،
خۇشال يايراپ.
قېلىپ ئارچا شاخلىرىنىڭ
ئارىسىدىن؛
چىقتى تۈلكە ئوت چاچرىتىپ
كۆزلىرىدىن.
بۆدۈنىخان قوندى دەرەخ -
پۇتىقىغا.
- چۈشمەي، - دېدى تۈلكىباينىڭ
قىلتىقىغا.
ئۈچ مەرتىۋە كەلدى تۈلكە،
شۇڭغۇپ ماراپ.
بۆدۈنىخان قالدى ئامان،
ھوشيار قاراپ...
- ئەقىللىق مەن ھوشيارلىقىم -
ئۈستۈن، - دېدى.
- ئاچكۆز تۈلكە ھەسرەت چېكىپ -
يۈرسۇن، - دېدى.
بىر كۈن ئۆتۈپ، قۇۋ تۈلكىباي،
تۈزدى پىلان.
قېلىن ئوت - چۆپ ئارىسىغا -
مۆكتى ئوبدان.
بۆدۈنىخان يۈردى بىغەم
سەكرەپ - ئويناپ.
تۇتۇۋالدى تۈلكە بىردىن
قىلىپلا >كاپ!<
يەۋاتقاندا بۆدۈنىنى
تۈلكە چايناپ!
دېدى: - مېنى بىغەملىكىم
قىلدى خاراب.
ئاھ!... بىخۇدلۇق كەلتۈرگەن شۇ
پۈتمەس ئاپەت.
دوستلار بۇنى ئەستە مەھكەم -
تۇتۇڭ ئەبەد!