UyghurWiki
UyghurWikiماسالھەقىقىي بايلىق

ھەقىقىي بايلىق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا، بىر پادىشاھنىڭ گۈزەل بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭغا نۇرغۇن شەھەرلەردىن ئەلچىلەر كەلگەن بولسىمۇ، قىز رەت قىپتۇ. قىزنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلەلمىگەن ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبى بارلىقىنى سوراپتۇ. - باشقا شەرتىم يوق، - دەپتۇ قىز، - كىمدە كىم ماڭا بىرلا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەم گاداي، ھەم باي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مېنى قايىل قىلالىسا، مەن شۇ كىشىگە تېگىمەن. پادىشاھ بارلىق پۇقرالارغا مۇشۇ شەرت بويىچە يارلىق چىقىرىپتۇ. بەلگىلەنگەن كۈنى كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، ئوردىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپتۇ. قىز تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپتۇ. - قېنى يىگىتلەر، مەيدانغا چۈشۈڭلار! قايسىڭلار بىرلا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەم گاداي، ھەم باي ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرسىتەلىسەڭلار، قىزىم شۇنىڭ بولىدۇ! - دەپتۇ پادىشاھ. مەيدانغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر شاھزادە ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ. - مانا مەن كۆرسىتىمەن، - دەپتۇ ئۇ ماختىنىپ، - مەن بولسام بىر شاھزادە، مەندىكى ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ ھەددى - ھېسابى يوق، دېمەك ھازىر مەندەك باي يوق. ئەمدى مەن مۇشۇ پۈتۈن بايلىقىمنى سىزنىڭ تويلۇقىڭىز ئۈچۈن بېرىۋەتسەم، مەن گاداي بولىمەن، قانداق، قايىل بولدىڭىزمۇ؟ قىز شاھزادىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ: >مۇمكىن ئەمەس!< دەپ بېشىنى چايقاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا چۈشۈپتۇ، بىراق بەزىلەر بايلىقنى كۆرسەتسە، گادايلىقنى كۆرسىتەلمەپتۇ، بەزىلەر گادايلىقىنى كۆرسەتسە بايلىقىنى كۆرسىتەلمەپتۇ. قىز ھېچقايسىسىغا قايىل بولماپتۇ. ئاخىر ئاددىيلا كىيىنگەن، مۈرىسىدە خۇرجۇنى بار بىر يىگىت: - مانا مەن كۆرسىتىمەن، - دەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ ۋە خۇرجۇنىنى يەرگە قويۇپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، - مەن ھازىر گاداي، ئىشەنمىسىڭىز سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. مەندە ياكى ئالتۇن، ياكى كۈمۈش، ياكى قولىغا چىققۇدەك مال - مۈلۈك يوق، تۇرغان تۇرقۇم مۇشۇ، لېكىن مەن ھەممە كىشىدىن باي! - ھېچنېمەڭ بولمىسا، قانداق باي بولىسەن؟ - دەپتۇ پادىشاھ ھەيران بولۇپ. - ئالدىرىماڭ، پادىشاھى ئالەم، - يىگىت تەمكىنلىك بىلەن خۇرجۇندىن ھەر خىل ئۇششاق - چۈششەك سايمانلارنى چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ، - ماۋۇ ئۇستىرا - ساتىراشلىقنى بىلىمەن، ئىشەنمىسىڭىز قېنى كېلىڭ، چاچ - ساقاللىرىڭىزنى ياساپ قويىمەن، ماۋۇ پىچاق، قىڭراق - ئاشپەزلىكنى بىلىمەن، ھەر قانداق تاماقنى بۇيرۇسىڭىز ھازىرلا ئېتىپ بېرىمەن. ماۋۇ ھەرە بىلەن رەندە - ياغاچچىلىقنى بىلىمەن، بۇزۇلغان ئىشىك - دېرىزىلەر بولسا كۆرسىتىڭ، ھازىرلا ياسىۋېتىمەن. ماۋۇ قىسقۇچ بىلەن بولقا - تۆمۈرچىلىكنى بىلىمەن، سىزگە قاراشلىق ئوردىدىكى ھەممە ئاتنى ئەكىلىڭ، سىزگە يارىغۇدەك تاقىلاپ بېرىمەن. ماۋۇ دۈۋەت - قەلەم - خەتتاتلىقنى بىلىمەن، كىتابلىرىڭىز بولسا ئەكىلىڭ، يېزىقنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ئىشلىتىپ چىرايلىق كۆچۈرۈپ بېرىمەن. بۇ ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسى مەندىكى تۈگىمەس - پۈتمەس بايلىق. مەن مۇشۇ ھۈنەرلىرىم بىلەن ھېچقاچان ئاچ قالمايمەن. قەيەرگە بارساممۇ گۈلدەك ھايات كەچۈرەلەيمەن! - توغرا دېدىڭىز! - دەپ خۇشال بولۇپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ قىز، - ھەقىقىي بايلىق ئالتۇن - كۈمۈش، مال - دۇنيا ئەمەس - ھۈنەر، بىلىم. سىز قارىماققا گاداي كۆرۈنىسىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن سىز باي. سىزگە قايىل بولدۇم! شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ بۇ گۈزەل قىزى ئاشۇ ھۈنەرۋەن يىگىتنىڭ بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ھەقىقىي بايلىق | UyghurWiki | UyghurWiki