بور بىلەن ئۆچۈرگۈچ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئەي بور، - دېدى ئۆچۈرگۈچ، - سەن ھەمىشە بەدەنلىرىڭنى قاپقارا دوسكىغا سۈركەپ ئاۋارە بولىسەن، قاپقارا دوسكىغا ئاپئاق ئىز قالدۇرىسەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن سېنى ئۆچۈرۈۋېتىمەن - دە، پۈتۈنلەي يوقىلىسەن. ئۆزۈڭنىڭ بۇ ھالىڭغا نېمىشقا ئېچىنمايدىغانسەن؟
- توغرا ئېيتتىڭ، - دېدى بور، - مەن قارا دوسكىغا سۈركىلىپ پارە - پارە بولىمەن، ئۇۋىلىمەن، ئاخىر توپىغا ئايلىنىپ كېتىمەن. سەن دوسكىغا قالدۇرغان ئاپئاق ئىزلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكىنىڭ بىلەن، ئەمما سەبىيلەرنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان ئاپئاق ئىزلىرىمنى مەڭگۈ ئۆچۈرۈۋېتەلمەيسەن - دە!