UyghurWiki
UyghurWikiماسالچاشقان

چاشقان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كىچىككىنە چاشقان بالىسى تۆشۈكتىن چىقىپ، ئىشىك ئالدىدا ۋە بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا بىر ئاز سەيلە قىلغاندىن كېيىن ئۇۋىسىغا قايتىپ كىرىپتۇ. بالىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ساياھەتتىن ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانا چاشقان خۇشال بولۇپ: - ھە، بالام، دەسلەپكى سەپىرىڭنىڭ نەتىجىسى قانداقراق؟ - دەپ سوراپتۇ. چاشقانچاق ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىرىدا: - قارا ئانا، مەن ئىككى ھايۋان كۆردۈم: بىرى، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق... ئىككىنچىسى، خېلى مۇلايىم، ياخشى كۆرۈنىدۇ، - دەپتۇ. - ھە، ھە، سۆزلە! قانداق ھايۋانلار ئىكەن، ئۇلارنى قەيەردە كۆردۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئانىسى. - بىرىنچىسى، تولىمۇ سۈرلۈك، قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇ ئىشىك ئالدىدا گىدىيىپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ئاياغلىرى كۆكۈچ قارا، رەڭگا - رەڭ تۈكلىرى ۋالىلداپ تۇرىدۇ، كۆزلىرى قىزغۇچ يۇمىلاق، بېشىدا قىزىل پۆپۈكى بار، تۇمشۇقلىرى ئىلمەك ۋە ئۇچلۇق ئىكەن. مەن يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ ئاغزىنى ئاچتى، ئاياغلىرىنى كۆتۈردى ۋە ھەيۋەتلىك ۋارقىراپ قىچقاردى. مەن قورققىنىمدىن قەيەرگە قېچىشىمنى بىلمەي قالدىم، - دەپتۇ چاشقانچاق. - بۇ، توخۇ، - دەپتۇ ئانا چاشقان، - ئۇ ھېچكىمگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، سەن ئۇنىڭدىن قورقما! ئۇ ناھايىتى ياخشى جانىۋار ھە، ئىككىنچىسى قانداق ھايۋان ئىكەن. - ئىككىنچى بىرى، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتىدۇ، ئۇنىڭ كۆكسى ئاق، دۈمبىسى ئالچىپار، بۇرۇتلىرى يىڭنىدەك تىك بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئىككى پۇتى بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ، بۇرۇتلىرىنى سىلاپ، قۇيرۇقلىرىنى ئوينىتىپ قويىدىكەن. ئۇ ماڭا قاراپ ھىجايغاندەك قىلىپ قويدى. ئۇ خېلى ياۋاش، مەخسۇم سۈپەت كۆرۈنىدۇ، - دەپتۇ چاشقانچاق. - بۇ دەل مۈشۈك دېگەن قاراقچىنىڭ ئۆزى! ھوشيار بول، ھوشيارلىق بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى، - دەپتۇ ئانا چاشقان.
← بارلىق تېمىلار ماسال
چاشقان | UyghurWiki | UyghurWiki